Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腓力五世
دۇنيا تارىخى
فىلىپ Ⅴ
(مىلادىدىن ئىلگىرى 238 - 179) ماكېدونىيىنڭ كورۇلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 221 - 179). دېمېترى Ⅱ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 278 - 229). نىڭ ئوغلى. دادىسى ئۆلگەندە تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تاغىسى ئانتىگونوس (مىلادىدىن ئىلگىرى 326 - 221) ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن؛ ئانتىگونوس ئۆلگەندىن كېيىن تەختتكە چىققان. يۇناننىڭ ئاخايا ئىتتىپاقى بىلەن ئېتولىيە ئىتتىپاقى ئۇرۇشقاندا، ئالدىنقىسىغا ياردەم بەرگەن؛ مىلادىدىن 213 يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئاراتوس (ئاخايا ئىتتىپاقىنىڭ باش قوماندانى)نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 218 - 20)، كارفاگېننىڭ باش قوماندانى گاننىبال بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ رىمغا قارشى تۇرغان، بىرىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 215 - 205) يۈز بېرىپ، نەتىجىسى چىقمىغان. گاننىبالغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئافرقىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ زاما جېڭى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202) گە قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. سۈرىيە پادىشاھى ئانتيوك Ⅲ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مىسىرنىڭ پتولېمى سۇلالىسىگە قارشى تۇرغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 201)، ئارقىدىنلا سۈرىيە پادىشاھى بىلەن ئارازلىشىپ قالغان؛ رىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىككىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 200 - 197)نى قوزغىغان، ئۇ شىمالىي يۇناننىڭ ئىسنوستىسېفالې دېگەن جايىدا رىم كونسۇلى فلامنوس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 197 يىل ئىلگىرى). ئىككىنچى يىلى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، بارلىق بېقىندى يەرلەردىن ۋاز كەچكەن، كېمىلەرنى تاپشۇرۇپ بەرگەن، رىمغا 1000 تالانتون ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن ھەمدە يۇناننىڭ ئىشلىرىغا يەنە ئارىلاشماسلىققا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ماكېدونىيە پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ مۇھىملىق ئورنىنى يوقاتقان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن رىم بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن بولسىمۇ، ئامفىپولىستا ئۆلگەن، تەختكە ئوغلى پېرسۇئېس (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 168) ۋارىسلىق قىلغان.