Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فېدوروۋ
دۇنيا تارىخى
费多罗夫
fèi duō luó fū
(1853 - 1919) روسىيىلىك كرىستالشۇناس ۋە مىنېرالوگ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى. ھەربىي ئىشلار ئىنژېنىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1890 - 1910- يللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موسكۋا يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى ۋە پېتربۇرگ كان شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. بارلىق كرىستاللىق قۇرۇلمىلاردا بولۇشى مۇمكىن بولغان 230 خىل ئوخشاش بولمىغان تەڭداش ئېلېمېنتنىڭ تۈزۈلۈش فورمىلىسى (يەنى <بوشلۇقلار>)نى ھەممىدىن بۇرۇن نەزەرىيە جەھەتتىن ئىشلەپ چىققان، كېيىن Ⅹ نۇرىدا تەھلىل قىلىپ دەلىللىگەن ھەمدە كرىستال تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغان <فېدوروۋ ئايلانما سۇپىسى>نى كەشىپ قىلغان. گېئومېتىرىيىلىك كرىستالشۇناسلىق ۋە كرىستاللارنىڭ تۈزۈلۈش نەزەرىيىسى جەھەتتە خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇنىڭ <تەڭ ئوقلۇق كرىستاللار شەكلىنىڭ سىممېترىيىلىكلىكى> ۋە <كرىستالشۇناسلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.