Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىبىگېر
دائىرە: دۇنيا تارىخى费比格尔
fèi bǐ gé ěr
(1867 - 1928) دانىيىلىك پاتالوگ. 1890 - يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ بېرلىندا ئىشلىگەن. 1900 - يىلى كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1913 - يىلى، يۇقۇملانغان سۇۋەرەك ئارقىلىق چاشقان ئاشقازىنىدا سۈنئىي راك پەيدا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان. 1926 - يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن ئۇنىڭ تەجرىبىسىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان. لېكىن خىمىيىۋى ئۇسۇلدا سۈنئىي يول بىلەن راك پەيدا قىلىش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.