Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فائۇم
دائىرە: دۇنيا تارىخى法雍
fǎ yōng
قەدىمكى مىسردىكى يەر نامى. مېمىپىسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 05 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان.ئەسلى سازلىق يەر. ئوتتۇرا پادىشاھلىق مەزگىلىدىكى 12 - سۇلالىسنىڭ فىرئەۋىنى ئامېنمېت Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅨⅩ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅧⅩ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىق) بۇ جايدا مىلدوف (مورس) سۇ ئامبىرىنى ياساتقۇزغان؛ ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، توسما ۋە سۇ چۈشۈرگىلىرىنى ياساتقۇزۇپ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى راۋانلاشتۇرغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، فائۇم ئەتراپىدىكى 2500 گېكتار كېلىدىغان سازلىقنى تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا كاخۇن شەھىرىنى، ئوردا -سارايلارنى (<سىرلىق ئوردا> دېگەن نامى بار) ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىقلارنى سالدۇرغان. ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىرىنى شۇنىڭدەك سامان قەغەزگەيېزىلغان زور بىر تۈركۈم ھۆججەتلەرنىڭ تاپقان. ھازىر قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى مىسىر ئۆلكىسىنىڭ ئىسمى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.