Uyghurئاساسىي لۇغەت
فائىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غالىپب، زەبەردەست؛ يۇقىرى، ئۈستۈن، ئەۋزەل:
دېدىم: سەن بارچەدىن فائىق ئىكەنسەن،
قىزىل گۇل بەزمىگە لايىق ئىكەنسەن.
فىرقەتى.
2. شائىركى، ھەرزەسى كۈلمەككە لايىق،
ئۆز خىيالىدا سەئدىي ۋە خىسرەۋغە فائىق.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈستۈن، ئالىي، ئەۋزەل، باشقىلاردىن يۇقىرى، مەشھۇر، شېئىردا مۇنداق كەلگەن: مۇئەييەن قىلىپ نەچچە لايىق كىشى، نەلايىق كىشى بەلكى فائىق كىشى. (ئا. نىزارى)