Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法暹曼谷条
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - سىيام مەنگۇ شەرتنامىسى
1893 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى فرانسىيە ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ مەنگۇنى مۇھاسىرگە ئېلىپ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھى راما Ⅴ نى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبورلىغان. مەزمونى: (1) سىيام مىكونگ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى جايلارنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىش (تەخمىنەن 145 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر)؛ (2) فرانسىيىگە ھەربىي خىراجەت تەرىقىسىدە 3 مىليون فرانك تۆلەش؛ (3) باتتامباڭ، سېم رېئاپ قاتارلىق ئىككى ئۆلكە (ھازىرقى كامبودژىغا تەۋە) شۇنىڭدەك ۋىگۇڭ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى 25 كىلومېتىر دائىرىنى بىتەرەپ رايون قىلىپ ئايرىش، لېكىن سىيام بۇ رايونغا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرماسلىق؛ (4) فرانسىيە ناكون سىتاممارات شەھىرىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. شەرتنامىىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيەنىڭ شەرقىي ھىندىچىنىدىكى مۇستەملىكە كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.