Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
发现法
پسىخولوگىيە
تاپقۇزۇش ئۇسۇلى
بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە مەسىلە تاپقۇزۇش ۋە بۇ مەسىلىنى بالىلارنىڭ ئۆزىگە ھەل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىل ئوقوتۇش ئۇسۇلى. «تاپقۇزۇش ئۇسۇلى» دېگىنىمىز بالىلارنى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك پىكىر يۈرگۈزىدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئاساسىي دەرسلىكنى مەزمۇن قىلغان، ئۆگىنىشنى ئوقوغۇچىلارغا باسقۇچلۇق ھالدا قايتا - قايتا تاپقۇزۇش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇل، يەنى ئۇقۇم ۋە قائىدىلارنى ئۆگەندە، ئوقوتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كاللىسىغا تەييار ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى قۇيۇپ قويماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقوتقۇچىنىڭ ۋاستىلىق ياردىمى بىلەن (ماتېريىالنى تاللاپ، رەتلەپ) ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇقۇملارنى ئىگىلىشى ۋە قائىدىلارنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى. ئۇنىڭ ئومۇمىي جەريانى مۇنداق : ئوقوغۇچىلارغا مەلۇم مەسىلە بويىچە كونكرېت شەيئى كۆزەتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقوغۇچىلاردا مەلۇم گېپوتېزا (ئىلىمي قىياس) ھاسىل بولۇپ ئوقۇم بىلەن قائىدە شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ھېسابلانماقتا، چۈنكى تاپقۇزۇش ئۇسۇلىدا ئوقوتقۇچى مەسىلىنى تەتقىق قىلىش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىپ، ئوقوغۇچىلارنى مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقوتقۇچىغا تايىنىۋېلىشىنى ئازايتىپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، لېكىن تاپقۇزۇش ئۇسۇلىدا مەسىلىنى ئوقوغۇچىلار ئۆزى ھەل قىلىدىغان بولغانلىقتىن، دەسلەپ قوللانغان تاپقۇزۇش جەريانى كېيىنكى تاپقۇزۇش جەريانىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىنىشى كېرەك. تېپىپ ئۆگىنىشتە ئوقوغۇچىلار خېلى مىقداردا بىلىم، تەجرىبىگە ۋە مەلۇم دەرىجىدە تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى لازىم. دېمەك بۇ ئۇسۇل ئوقوغۇچىلارنىڭ سىنىپ دەرىجىسى (يىللىق دەرىجىسى) قانچە يۇقىرى بولسا، شۇنچە مۇۋاپىق كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئۇسۇل نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئامېرىكا پسىخولوگى برونېر سترۇكتۇرىزم نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن قاراپ، بۇ ئۇسۇلنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلماقتا. ئۇنىڭچە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەۋزەللىكى مۇنۇلاردىن ئىبارەت ئىكەن : (1) ئوقوغۇچىلار بىلىم سىستېمىسىنى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كەشپىيات ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ئالىدۇ؛ (2) قايتا تاپقۇزۇش جەريانى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش ھاسىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئىچكى مۇددىئاسى يۈكسىلىدۇ؛ (3) ئوقوغۇچىلارنىڭ كەشىپ قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن پسىخىك تەييارلىقىنى (ئۇستانوپكىسىنى) يېتلدۈرگىلى بولىدۇ.
مائارىپ,تەنتەربىيە
fā xiàn fǎ
بايقاش ئۇسۇلىDئۇنىۋېرسال
fā xiàn fǎ
بايقاش ئۇسۇلى