Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فاۋرې
دۇنيا تارىخى
法夫尔
fǎ fū ěr
(1809 - 1880) فرانسىيىلىك دىپلومات. ئەسلى كەسپى ئادۋوكات. 1830 - يىلىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتچى بولغان. 1848- 1851 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان.گيۇگو قاتارلىقلار بىلەن 1851 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارىتا كۈچىدا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشكىللىمەكچى بولغان. 1858 - يىلى ناپولېئون Ⅲ نى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىتالىيىلىك مىللەتچى ئورىسنى ئاقلاپ چىقىپ نام قازانغان. 1870 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، پرۇسسىيىگە: <بىز ھەرگىز بىر سۇڭ يېرىمىزنى بوشىتىپ بەرمەيمىز، ھەرگىز ئىستىھكاملىرىمىزنىڭ بىر تال تېشىنىمۇ بەرمەيمىز> دەپ بايانات ئېلان قىلغان. لېكىن گېرمانىيە بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىسماركنىڭ فرانسىيىگە زورلاپ تاڭغان ھاقارەتلىك شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغان، 1871 - يىل 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى <فرانكفورت سۈلھ شەرتنامىسى>گە قول قويغان. شەرتنامە تۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمتىدىن ئىستىپا بەرگەن. فاۋرېنىڭ <ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى> نوتۇقلار توپلىمى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
弗乌雷
fú wū léi