Uyghurئاساسىي لۇغەت
فاسىخ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئەمەلدىن قالدۇرۇش>، <بىكار قىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەھكىمە شەرئىنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، توغرا مۇئامىلىگە ئىگە بولمىغان خوتۇن كىشى قازىغا ئەرز قىلىش ھەم شەرىئەت بويىچە نىكاھدىن ئاجرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئوخشىمىغان ئەھلى فىقھەلەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلىش ئاساسلىرى پەرقلىق بولىدۇ.