Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法苏瓦助条约
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <فرانسىيە - سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى>. 1935 - يىل 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. 1936 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمونى: سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى فرانسىيە ھەرقانداق بىر ياۋرۇپا دۆلىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا ئىككى تەرەپ دەرھال كېڭىشىپ بىر بىرىگە ياردەم بېرىش، دېگەندىن ئىبارەت. شەرتنامە ياۋرۇپانىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرىسۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، لېكىن فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى ئەنگلىيەگە ماسلىشىپ مۇرەسسەچىلىك سىياسەت يۈرگۈگەنلىكتىن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلالمىغان.