Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت
دۇنيا تارىخى
反法西斯行动全国委员会
fǎn fǎ xī sī xíng dòng quán guó wěi yuán huì
گېرمانىيىسىكى فاشىزمغاقارشى ھەرقايسى پارتىيە - گورۇھلارنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1932 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گېرمارنىيە كومپارتىيسى فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىق چىقىرىپ، زور تەسىر قوزغىغان. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گېرمانىيە كومپارتىيىسى، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە پارتىيىسىز زاتلار ۋەكىللىرى بېرلىندا فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپ يىغىنىچاقىرىپ، فاشىستىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مەملىكەتلىك كومىتېت قۇرۇپ، پۈتۈن گېرمانىيە خەلقنىڭ فاشىستىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە كومپارتىيسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. 1933 - يىلىغا كەلگەندە مەزكۇر كومىتېت ھەرىكىتىنى توختاتقان.