Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فارسولۇ جېڭى
دۇنيا تارىخى
法萨罗役
fǎ sà luó yì
قەدىمكى رىمدىكى كائېسار بىلەن پومپېينىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن48 - يىل ئىلگىرى، شىمالىي يۇناننىڭ تىسالىيە تەۋەلىكىدىكى فارسولۇ دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. رىم تارىخچىسى ئاپپىئاننىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كائېسار ئارمىيىسى تەخمىنەن 22 مىڭ بولۇپ، ئاتلىق ئەسكىرى تەخمىنەن مىڭغا يېتىدىكەن؛ پومپېي ئارمىيسى كائېسارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ ئاتلىق ئەسكىرى تەخمىنەن 7 مىڭغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مىسىر پادىشاھى پومپېيگە 60 ئۇرۇش كېمىسى( بۇ كېمىلەر دېڭىزدا توختاپ ئىشلىتىلمىگەن) ياردەم قىلغان. ئادەتتە پومپېينىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كائېسارنىڭكىدىن كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى قاتتىق ئۇرۇش قىلغان، لېكىن پومپېي جەڭگە ياخشى قوماندانلىق قىلالمىغان ۋە جەڭ پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. كائېسار ئرمىيسى 1200 ئادىمىدىن ئايرىلغان، پومپېي ئارمىيىسىدىن تەخمىنەن 6 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 20 مىڭدىن ئۇشۇقراق ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. پومپېي مىسىرغا قاچقان، كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. كائېسار رىم دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.