Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فارىنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى法里尼
fǎ lǐ ní
(1812 - 1866) ئىتالىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1862 - 1863)، تارىخشۇناس،دوختۇر. پاپا پىئوس Ⅸ نىڭ رىم ئاممىۋى تازلىقىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.1859 - يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋاقتىدا گاۋۇر تەرىپىدىن مۇدىنادا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ۋەكىل بولغان. فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە چېكىنىپ چىققان، بۇ چاغدا ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا فارىنى روماننا، مۇدىنا ۋە پارمالارنى كونترول قىلىپ تۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ساردېن پادىشاھلىقىغا قوشۇۋەتكەن. 1860 - يىلى نېئاپولنىڭ باش ۋالىيىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. قىسقا ۋاقىت باش ۋەزىر بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <1814 - 1850 - يىللىرىدىكى رىم دۆلىتىنىڭ تارىخى>بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.