Uyghurئاساسىي لۇغەت
فارابى
دۇنيا تارىخى
(870 - 950) ئوتتۇرا ئاسيالىق پەيلاسوپ، مۇزىكا نەزەرىيچىسى. تۈركىي قەۋىمدىن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋاسىبى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. باغداد شەھرىدە ئاسترنومىيە ۋە ماتىماتىكا ئۆگىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە بۇ جايدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىن سىياسى مالمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئالېپپو شەھرىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپىسىنى خېلى كۆپ تەتقىق قىلغان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ۋە باشقا يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى شەرھىلىگەن. <پەلسەپە قائىدىلىرىنىڭ دۇر - گۈھەرلىرى>، <ئەۋزەل شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. كېيىنكى كىتابى ئەپلاتوننىڭ <جۇمھورىيەت>(غايىۋى دۆلەت) ۋە ئارىستوتېلنىڭ <پولىتېكا>نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نەمونىلىك شەھەر تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاقىل پادىشاھ ۋە فېئوداللىق مەرتىۋە تۈزۈمىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ بىلىملىك ۋە ئىستېداتلىق بولۇپ، ماتېماتىكا ھەم تىبابەتچىلىك جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، مۇزىكا نەزەرىيىسىگە پىششىق. ئۇ يازغان <مۇزىكا قامۇسى>قەدىمكى يۇنان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتىرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پەلسەپىلىك ئىدىيىسى ئىبن سىنا ۋە باشقا ئەرەب پەيلاسوپلىرى، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋرۇپا مەدرىس پەلسەپىسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا <ئارىستوتېل ئىككىنچى> دەپ نام ئالغان(ئارىستوتېل <بىرىنچى ئۇستاز> دەپ ئاتىلىدۇ).