Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
反应
پسىخولوگىيە
رېئاكسىيە
(«رېئاكسىيىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئورگانىزم تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ جاۋاب قايتۇرغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا سىرتتىن قارىغاندا ئورگانىزمدا ھېچقانداق پائالىيەت يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ مۇشۇ يوشۇرۇن مەزگىلدە رېتىسىپتۇر تەسىرنى نېرۋا ئىمپۇلىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئىمپۇلىس مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى نېرۋا مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇ نېرۋا مەركىزىدە ئانالىز - سېنتىز قىلىنغاندىن كېيىن مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئارقىلىق ئېففېكتورغا يەتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ (يەنى تەسىرگە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ). مۇشۇ پائالىيەتكە كەتكەن ۋاقىتنىڭ يىغىندىسى رېئاكسىيە ۋاقتى بولىدۇ.
رېئاكسىيە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارغا باغلىق: (1) سەزگۈ ئەزاسىنىڭ تۈرىگە ۋە تەسىرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ رېئاكسىيە ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن: نۇرنىڭ (يورۇقلۇقنىڭ) 0.18 سېكونت، ئاۋازنىڭ 0.14 سېكونت، تېگىشكە بىلدۈرگەن رېئاكسىيە ۋاقتى 0.14 سېكونت بولىدۇ. (2) تەسىر كۈچىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ رېئاكسىيە ۋاقتى ھەر خىل بولىدۇ. كۈچلۈك نۇرنىڭ 0.162 سېكونت، ئاجىز نۇرنىڭ 0.205 سېكونت. (3) جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق ھالەتكىمۇ باغلىق، مۇددىئا، پىسخىكىلىق تەييارلىق ھالىتى، شەخسنىڭ تېمپىرامېنتى (مىجەزى)، ھۆكۈم قىلىش سەۋىيىسى ۋە دەرىجىسىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. مەشقتىن بىر كۈن كېيىن %10 ياكى %30 - %40 ئىلگىرىلىشى مۇمكىن. (4) ئىلگىرىلىشى مۇمكىن. (5) رېئاكسىيىنىڭ مۇررەككەپلىكىگىمۇ باغلىق. ئاددىي رېئاكسىيىسىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇنراق، تاللاش رېئاكسىيىسىنىڭ ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. «رېئاكسىيە ۋاقتى» ئۇقۇمنى ئاۋىسترالىيىلىك فىزىئولوگ ئېسنېر ھەممىدىن بالدۇر قوللانغان. (1873) .
بىئولوگىيە
ئەكس تەسىر
<رېئاكسىيە> ياكى <ئىنكاس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايات توقۇلما ياكى ئورگانىزمنىڭ غىدىقلاشقا قايتۇرغان جاۋابى. ھەرخىل جانلىقلارنىڭ ھەممىسى غىدىقلاشقا قارىتا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار. مەسىلەن، ئاميوبا ئوزۇقلۇققا يولۇققاندا يالغان پۇتىنى ئۇزارتىدۇ، نەرسىلەرگە تەگكەندە بولسا، يالغان پۇتى قايتا قىسقىرايدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارنىڭ ئېۋوليۇتسىيىلىك مۇساپىسىدە ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىپ ئالاھىدىلەشكەن رېتسىپتورلىرى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئېففېكتور (تەسىر قايتۇرغۇچ) لىرى پەيدا بولغان. رېتسىپتورلىرى ھەر قايسىسى ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان غىدىقلاشنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ، كۆز يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى، قۇلاق ئاۋازنىڭ غىدىقلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئېففېكتورلىرى ئىنكاس (ئەكس تەسىر) قايتۇرغۇچى ئورگانلار ھېسابلىنىدۇ. ھەرخىل ئىنكاس ئورگانلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇللىرى بولىدۇ. غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇسكۇللىرى قىسقىراش رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ؛ بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجرىتىدۇ؛ نېرۋىلار نېرۋا ئىمپۇلىسىنى پەيدا قىلىدۇ. رېئاكسىيە (ئىنكاس) سۈرئىتى جەھەتتىمۇ مەلۇم پەرقلەپ بولىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلىسى ناھايىتى تېز. ھۈجەيرىلەرنىڭ تەن سۇيۇقلۇقىدىكى بەزى ئالاھىدە ماددىلار (مەسىلەن، گورمون) غا بولغان ئىنكاسى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، مېتابولىزم جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. رېتسىپتورلار بىلەن ئېففېكتورلارنىڭ ئارىسىنى نېرۋىلار باغلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭشەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئورگانىزمنىڭ غىدىقلاشلارغا قايتۇرىدىغان جاۋابى بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئىنكاس (رېئاكسىيە) ھېسابلىنىدۇ.
پارقازان، بېسىملىق باك,خىمىيە,نىفىت ئايرىش
fǎn yìng
رېئاكسىيەDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
رېئاكسىيە، ئىنكاسDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
رېئاكسىيە، ئىنكاسDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
رېئاكسىيە، ئىنكاسDفىزىكا
BZ反应
fǎn yìng
رېئاكسىيە، بېلوۋسوۋ - زابوتىنسكى BZ رېئاكسىيىسىDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
ئىنكاسDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
ئىنكاسDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn yìng
ئىنكاسDئەدلىيە
fǎn yìng
ئىنكاس،تەسىر، رېئاكسىيەDھەربىي
fǎn yìng
رېئاكسىيە؛ ئىنكاس؛ ئەكس ئېتىشDماتېماتىكا
fǎn yìng
ئىنكاس، رېئاكسىيەDتەبىئىي جۇغراپىيە
fǎn yìng
ئەكس تەسىر، رېئاكسىيەDتەنتەربىيە
fǎn yìng
ئىنكاس، ئىنكاس قايتۇرۇشDتېببىي
fǎn yìng
رېئاكسىيە، ئىنكاس، ئەكىس تەسىرDئۇنىۋېرسال
fǎn yìng
رېئاكسىيە ئىنكاس، ئەكس تەسىر، ئەكس ئەتمەك
Dمائارىپ
fǎn yìng
ئەكس ئېتىش، ئەكس تەسىرDپوچتا - تېلېگراف
fǎn yìng
رېئاكسىيە، رېئاكسىيىلىشىش