Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
反烟草租让权运动
دۇنيا تارىخى
تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۈرۈش ھەرىكىتى
ئىران خەلق ئاممىسىنىڭ 1891-يىلقى تاماكا تىجارەت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى. 1890-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تالبوت شىركىتى ئىران پادىشاھىدىن تاماكا تىجارىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئىراننىڭ تاماكا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە سېتىش ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، ئىران خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزگەن. 1891-يىلى تەبرىز، ئىسفاھان، شىراز قاتارلىق شەھەرلەردە ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى ئاممىۋى يىغىن ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلەپ، چەت ئەل مۇستەملىكچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئىراندىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق ئىمامىمۇ ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش ھەقققىدە دىنىي پەرمان چۈشۈرگەن. ئىران پادىشاھى خەلق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، يىل ئاخىرىدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھوقۇقنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، كۈرەش غەلىبىلىك ئاياغلاشقان