Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
泛酸
بىئولوگىيە
مول كىسلاتا
جانلىقلار دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. جىگەر، بۆرەك، ئېچىتقۇ، بۇغداي تۆرەلمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئۇنىڭ مىقدارى مول بولىدۇ. ئۇ β - ئالانىننىڭ α، r - دى گىدروكسى - β، β - دى مېتىل بۇتىرىك كىسلاتا بىلەن پېپتىد بېغى ئارقىلىق كوندېنساتسىيىلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل كىسلاتالىق ماددا بولۇپ، سۇ ۋە ئىسپرتتا ئاسان ئېرىيدۇ، نېيترال ئېرىتمىدە ئىسىققا چىداملىق، ئوكسىدلىغۇچى، ئوكسىدسىزلىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن تۇراقلىق بولىدۇ.
كوئېنزىم A نىڭ تەركىبى قىسمى، كوئېنزىم A ئاتسېتىل رادىكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىمنىڭ كوئېنزىمى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇلفىد رادىكالى ۋە ئاتسېتىل رادىكالى بىلەن ئېستېر ھاسىل قىلىش رېئاكسىيىسى ئارقىلىق ئاتسېتىل رادىكالىنى يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ياغلار، ئاقسىللارنىڭ مېتابولىزمىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنسانلاردا مول كىسلاتا يېىتشمەسلىك كېسىلى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. لېكىن مول كىسلاتا توخۇنىڭ يېمىدە كەمچىل بولغاندا، ئۆسۈشتن توختاپ، ئومۇرتقىسى رۇدىمېنتلىشىپ كېتىدۇ. ئىتلاردا بولسا، قان قەنتى تۆۋەنلەپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، جىگەر، بۆرەكلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
تېببىي
fàn suān
پانتوتېنىك كىسلاتاDئۇنىۋېرسال
fàn suān
پانتوتېنىك كىسلاتا