Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
反社会党人非常法
قانۇن
fǎn shè huì dǎng rén fēi cháng fǎ
سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن
دۇنيا تارىخى
سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن
<سوتسىيالىزمچىلارغا قارشى ئالاھىدە قانۇن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تولۇق ئاتىلىشى: <سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ ئامانلىققا زىيان يەتكۈزۈش سۈيقەستلىرىنى باستۇرۇش قانۇنى>. گېرمانىيە بىسمارك ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان. 1878 - يىل 5 -6 - ئايلاردا گېرمانىيە كورۇلى ۋېليام Ⅰ ئىككى قېىتم سۈيقەستكە ئۇچرىغان. بىسمارك بۇنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئارتىپ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بۇ قانۇننى ئېمپېرىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىتىپ، 21 - كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان. بۇ قانۇندا: ھەرقانداق تەشكىلات، گېزىت - ژورنال، باسما ماتېرىياللىرى ۋە يىغىلىشلار ئومۇمەن <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسنىڭ، سوتسىيالىزمنىڭ ياكى كوممۇنىزمنىڭ بولغانىكەن، ھازىرقى دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن>، بۇنداق ھەرىكەتلەر بىردەك چەكلىنىدۇ. بۇخىل تەشكىلاتلارغا بولغان ھەرقانداق قوللاش قاتتىق جازالىنىدۇ، ھۆكۈمەت ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەستىنلا ئامانلىققا تەھدىت يەتكۈزگەن خەۋپلىك ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالىدۇ ياكى سۈرگۈن قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دەسلەپتە بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىككى يېرىم يىل دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، كېيىن 1890 - يىلى ئەتىيازغىچە ئۇزارتىلغان. يولغا قويۇلغان مەزگىلدە سوتسىيال دېموكراتلار ۋە ئىلغار ئىشچىلارنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى قانۇنسىز ئورۇندا تۇرغان، 330 دىن كۆپرەك ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1300 خىلدىن ئارتۇق كىتاب - ژورنال چەكلەنگەن. 2400دىن كۆپرەك كىشى تەقىپ قىلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. مەزكۇر قانۇن 1890 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.