Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
反射
پسىخولوگىيە
رېفلېكس
بۇ ھايۋاناتنىڭ تەسىرىگە نېرۋا سىستىمىسى ئارقىلىق قانۇنىيەتلىك ھالدا بەرگەن جاۋابى (رېئاكسىيىسى) دىن ئىبارەت. رېفلېكىس پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نېرۋا يولى رېفلېكىس ياسى دەپ ئاتىلىدۇ. رېفلېكىس شەكىللىنىش جەريانى بويىچە ئالغاندا، ئۇ شەرتسىز رېفلېكىس ۋە شەرتلىك رېفلېكىس دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. بارلىق پىسخىك ھادىسلەر، پەيدا بولۇش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا، ھەممىسىلا بۇ ئىككى خىل رېفلېكىسنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ئىبارەت.
«شەرسىز رېفلېكىس» ، «شەرتلىك رېفلېكىس» لارغا قارڭ.
بىئولوگىيە
رېفلېكس
ئورگانىزمنىڭ ئىچكى - تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ماسلىشىشچانلىق رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىشى. ئۇ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى رېفلېكس يايدىن ئىبارەت. رېفلېكس يايسى بەش قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلارنى يەتكۈزۈش رېتى بويىچە تىزغاندا؛ رېتسېپتور ← مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋا ← نېرۋا مەركىزى ← مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا ← ۋە ئېففېكتورلاردىن ئىبارەت. رېتسېپتور بىر خىل ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇغچى قۇرۇلما بولۇپ، ئىچكى تاشقى مۇھىتتىكى غىدىقلىنىشنى نېرۋا ئىمپۇلسىغا ئايلاندۇرالايدۇ. مەسىلەن، كۆز يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئالماشتۇرىدۇ، قۇلاق ئاۋاز ئېنېرگىيىسىنى مېخانىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. نېرۋا ئىمپۇلسى كىرگۈچى نېرۋىلار ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا مەلۇم بىر ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىنى تەڭشەيدىغان ھەرخىل ھۈجەيرە گۇرۇپپىلىرى بولۇپ، ئۇلار نېرۋا مەركىزى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تىز رېفلېكسى مەركىزى بەل قىسىم يۇلۇندا بولىدۇ؛ مۈڭگۈز پەردە رېفلېكسىنىڭ مەركىزى كۆرۈش مېڭىدە بولىدۇ ۋە باشقىلار. نېرۋا مەركىزىنىڭ پائالىيىتى مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق ئېففېكتورلارغا بېرىپ ئېففېكتورلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئېففېكتورلار رېفلېكس پائالىيىتىنىڭ رېفلېكتورلىرى (رېفلېكس ئورگانلىرى) ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ رېفلېكسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، بەزى ئەھۋاللاردا تەن سۇيۇقلۇقى تەركىبلىرى قاتنىشىپ رېفلېكس يايسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان (<نېرۋا - تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىشىگە قاراڭ). رېفلېكس يايسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى چوقۇم مۇكەممەل بولغاندىلا ئاندىن رېفلېكس ئېلىپ بارالايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ھالقا بۇزۇۋېتىلسە رېفلېكس پائالىيىتى پەيدا بولمايدۇ. رېفلېكسنى شەرتسىز رېفلېكس ۋە شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
پارقازان، بېسىملىق باك
fǎn shè
رېفلېكسىيە، رېفلېكس تەسىرى، قايتۇرۇش تەسىرىDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
رېفلېكىسDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەگرى - بۈگرى رېفلېكسىيەDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەگرى - بۈگرى رېفلېكسىيەDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەگرى - بۈگرى رېفلېكسىيەDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەكىس ساداDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەكىس ساداDئېلېكترون، ئۇچۇر
fǎn shè
ئەكىس ساداDئۇنىۋېرسال
fǎn shè
قايتىش، قايتۇرۇش رېفلېكس
Dنىفىت ئايرىش
fǎn shè
نۇر قايتىش، ئەكس ئېتىپ قايتىشDئورمانچىلىق
fǎn shè
قايتىش (ئوپتىكىدا)، نۇر قايتۇرۇش (رېفلېكىس)Dكومپيۇتېر، توكچىلىق
fǎn shè
قايتۇرۇش، رېفلېكسىيەDتېببىي
fǎn shè
رېفلېكس، قايتىش، قايتۇرۇشDتاشيول قۇرۇلۇشى
fǎn shè
قايتىش ، قايتۇرۇشDتەنتەربىيە
fǎn shè
رېفلېكىس؛ قايتىش؛ قايتۇرۇشDماتېماتىكا
fǎn shè
ئەكىس ئېتىش، رېفلېكىس (قايتىش، ئىنكاس)Dتەبىئىي جۇغراپىيە
fǎn shè
قايتىش (ئوپتىكىدا)Dخىمىيە
fǎn shè
نۇر قايتۇرۇشDگىئولوگىيە
fǎn shè
رېفلېكس؛ قايتىشDباغۋەنچىلىك
fǎn shè
نۇر قايتۇرۇش، رېفلېكسDئادەم ئاناتومىيىسى
fǎn shè
رېفلېكىسDئادەم ئاناتومىيىسى
fǎn shè
رېفلېكىسDئەدلىيە
fǎn shè
رېفلېكسىيە