Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
反刍胃
بىئولوگىيە
كۆشەك قېرىنى
ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆشەيدىغان ھايۋانلار (كالا، قوي، ئۆچكە، بۇغا قاتارلىقلار) دا بولىدىغان ئالاھىدە ئاشقازان. تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، سىغىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بىر خىل مۇرەككەپ ئاشقازان ھېسابلىنىدۇ. كالا ئاشقازىنىنى مىسال قىلغاندا، نۆۋەت بىلەن چوڭ قېرىن (قورساق)، تور قېرىم (ئۆپكە ئاغزى)، قاتقېرىن (توققۇز تونلۇق) ۋە شىردان (سارقىنچاق) لاردىن تەركىب تاپىدۇ. شىرداندا (سارقىنچاقتا) بەزلەر كۆپ بولۇپ، ھەقىقىي ئاشقازان ھېسابلىنىدۇ. قالغان ئۈچ ئاشقازان بولسا، قىزىلئۆڭگەچ ئاستىنقى ئۇچىنىڭ كېڭىيىشىدىن شەكىللەنگەن. كالا ئوزۇقلۇق يېگەندە زور مىقداردىكى يەم - خەشەكلەرنى ئوبدان چاينىمايلا يالماپ يۇتۇپ ۋاقتىنچە چوڭ قېرىندا ساقلايدۇ، شۇ يەرە باكتېرىيە ۋە كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلارنىڭ رولى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئېچىتىلغاندىن كېيىن، يەم - خەشەكنى قايتىدىن ئاغزىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، چىشلىرى بىلەن يۇمشاق چاينايدۇ ھەمدە يەنە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىغا ئىشلەشتۈرۈپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ھەزىم قىلىدۇ. بۇنداق ھادىسە <كۆشەش> دېيىلىدۇ. كۆشەيدىغان ھايۋانلار <كۆشىگۈچى ھايۋانلار> دېيىلىدۇ. كۆشەشتىن ئۆتكەن يەم - خشەك ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئاشقازانغا قايتۇرۇلۇپ داۋاملىق ھەزىم قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كۆشەش ئۈزۈلۈكسىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بىر كېچە - كۈندۈزدە پەقەت بەلگىلىك ساندىلا كۆشەش مەزگىلى بولىدۇ ھەمدە يەنە نىسبەتەن تىنچ مۇھىت شارائىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە كۆشەيدىغان ئۆي ھايۋانلىرىنى بەلگىلىك ۋاقىتتا دەم ئالدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى زۆرۈر.