Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法马战争
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - ماداغاسقار ئۇرۇشى
فرانسىيە ماداغاسقارغا تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكە ئۇرۇشى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1883 - يىلى 6 - ئايدا فرانسىيە ماداغاسقارغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 16 گرادۇسنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى بۆلۈپ بېرىشنى ھەمدە بۇ رايوننىڭ تاشقى سىياسىتى فرانسىيەنىڭ قولىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بۇ تەلەپ ماداغاسقار ھۆكۈمتى تەرپىدىن رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، فرانسىيە ئارمىيسى دەرھال ماداغاسقار پورتىنى توپقا تۇتۇپ، بىر قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1885 - يىلى 9 - ئايدا ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە، فرانسىيە ئارمىيسى تارمار قىلىنغان. شۇيىلى 12 - ئايدا سۈلھ شەرتنامسى ئىمزالانغان. فرانسىيە دېگې سوۋالىس نازىسىنى ساقلاپ قالغان ۋە تاشقى ئىشلارغا <مەسئۇل> بولغان. (2) 1894 - يىلى فرانسىيە يەنە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، مادغاسقارنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى ھەمدە پايتەختتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا يەنە ئۇرۇش پارتلىغان. 9 - ئايدا پايتەخت تانانارىۋېنى ئىشغال قىلغان. 10 - ھامىيلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان، ئاخىر ماداغاسقار فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنپ قالغان. 1896 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ ئېلان قىلىنغان.