Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法兰西第四共和国
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە تۆتىنچى جۇمھۇرىيىتى
فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. 1946 - يىلى، فاشىست گېرمانىيىسىگە قارشى فرانسىيە پارتىيىلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋز قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولغان ۋە تۆتىنچى جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ پارتىيىلەر نۆۋەتلىشىپ بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللىگەنلىكتىن سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا - پەرەسلىك سىياسەت يۈرگۈزگەن.ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋيېتنام (1946 - يىل)، ئالجىرىيە (1954 - يىل) ۋە مىسىر (1956 - يىل)غا تاجاۋۇز قىلىش مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان؛ 1954 - يىلى ھىندىچىنى ئۇرۇشىنى توختىتىش توغرىسىدىكى <جەنۋە كېلىشىمى>نى ئىمزالاشقا مەجبور بولغان؛ 1956 - يىلى مەراكەش ۋە تۇنىسنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1958 - يىلى 5- ئاينىڭ 13 - كۈنى ئالجىرىيىدە تۇرۇشلۇق فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ئارمىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان، 6 - ئايدا دىگولل زۇڭلى بولغان، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گراژدانلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان، شۇنداق قىلىپ، بەشىنچى جۇمھۇرىيەت تۆتىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.