Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法兰西第三共和国
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى
فرانسىيە تارىخىدىكى ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت (1870 - 1940) ئىككىنچى ئىمپېرىيە 1870 - يىلى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا گۇمران بولغان. 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پارىژ ئىنقىلابى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىن پادىشاھ تەرەپدارلىرى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاچقان مىللىي پارلامېنتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەسكىن كۈرەش بولغان. 1875 - يىلى مىللىي پارلامېت بىر ئاۋاز پەرقى بىلەن قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، ۋاستىلىك ھالدا جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلغان. ئارقىدىنلا كەينى - كەيندىن بىرقاتار قانۇنلارنى ئېلان قىلىپ، ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تىكلىگەن. 1884 - يىلى ئاساسىي قانۇننى تولۇقلاش لايىھىسى ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ جۇمھۇرىيەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. لېكىن كورۇل تەرەپدارلىرى داۋاملىق ھالدا قايتا تىرىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، 1889 - يىلىدىكى بۇلانگېر ۋەقەسى ۋە 1894 - 1899 - يىللىرىدىكى درېيفۇس ئەنزىسنى پەيداقىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان. 1940 - يىلى 5 - ئايدا فاشىستلار گېرمانىيىسى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغان، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فرانسىيە تەسلىم بولغان، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى ئاياغلاشقان.