Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法兰克王国
دۇنيا تارىخى
فرانك پادىشاھلىقى
گېرمانلارنىڭ فرنك مىللىتى قۇرغان دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى 486 - يىلى سالئان فرانكلارنىڭ قەبىلە باشلىقى كلوۋى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گاللىيدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن دۆلەت قۇرغان (Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى). مېروۋېن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 496 - يىلى كلوۋى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن فرانكلارنىڭ قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشى چېركاۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مۇنارخىيىلىك ھوقۇق ئاجىزلاپ، ئوردا ۋەزىرى بارا - بارا ئەمەلى ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالغان. 751 - يىلى ئوردا ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) تەختنى تارتىۋېلىپ كارولىن سۇلالىسىنى قۇرغان. ئىمپېراتور كارولوس تەختتىكى مەزگىلدە (768 - 814) دۆلەت كۈچىيىپ روناق تاپقان، تېررىتورىيىسى غەربىي ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، فېئودالىزمنىڭ ئاساسىي تۇرغۇزۇلغان. 800 - يىلى كارولوس تاخ كىيىپ، ئىمپېراتور بولغان، فرانك پادىشاھلىقى بارا - بارا كارولوس ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان. 1843 - يىلى <ۋېردۇن شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى ۋە ئوتتۇرا پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن، شۇنداق قىلىپ، يېقىنقى دەۋردىكى گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى بارلىققا كەلگەن.