Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法金汉
دائىرە: دۇنيا تارىخىفالكېنخان
(1861 - 1922) گېرمانىيە گېنرالى. 1900 - يىلى سەككىز دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسگە قاتنىشىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە يىخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1913 - 1915 - يىللىرى پرۇسسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ ۋەزىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە ئارمىيىسنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. ۋېردۇن جېڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، شەرق سېپىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.