Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法国黑海舰队起义
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە قارا دىڭىز فلوتىنىڭ قوزغىلىڭى
فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە قارشى قوزغىلىڭى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلبىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 1919 - يىلى 2 - ئايدا تىراسىپول ۋە خېرىسوندا تۇرۇشلۇق فرانسوز قوشۇنلىرى سوۋېت روسىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان. 3 - ئايدا ئودىسسا ۋە قىرىم رايونىغا ئەۋەتىلگەن فرانسۇرز ئەسكەرلىرى سوۋېت گېزىتلىرىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، روسىيە ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قارا دېڭىزدا توختىغان فرانسىيە ھەربىي پاراخوتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قوراللىق مۇداخىلىگە قارشى تۇرغان. ئىككىنچى كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەربىي پاراخوتتىكى كومىسسارىيات ئەزالىرىنى قولغا ئالغان، لېكىن قوزغىلاڭ توختاپ قالمىغان. 20 - كۈنى سىۋاستوپولدا توختىغان <فرانسىيە> ۋە <ران. بار>ناملىق ھەربىي پاراخوت قىزىل بايراق چىقىرىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ قارا دېڭىزدىكى فرانسىيەنىڭ باشقا پاراخوتلىرىغىچە يېتىپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى يول قويۇشقا مەجبور قىلغان. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فرانسىيە قارا دېڭىزدىكى بارلىق پاراخوتلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.