Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
法国共和历
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە جۇمھۇرىيەت كالېندارى
فرانسىيەنىڭ بىرىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى ئىنقىلاب كالېندارى. كالېندار بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسەت قىلىنغان. 1793 - يىل 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، فابرې دېگلانتىننىڭ (1755 - 1794) دوكلاتىغا ئاساسەن مىللىي ئۇيۇشمىدا جۇمھۇرىيەت كالېندارىنى خرىستىئان دىنى كالېندارىنىڭ ئورنىغا دەسستىش ماقۇللانغان. يېڭى مىلادى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بىرىنچى كۈنى، يەنى 1792 - يىل 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلانغان.ئادەتتىكى بىر يىل 365 كۈنى (تۆت يىلدا بىر قېتىم كەبىسە يىلى بولۇپ، بىر كۈن قوشۇلىدۇ) بولۇپ، ئون ئىككى ئايغا بۆلۈنگەن، ئايلارنىڭ نامى يېڭى نامغا ئۆزگەرتىلىپ، تەرتىپ بويىچە ئۈزۈم ئېيى، تۇمانلىق ئاي، قىراۋ ئېيى (كۈز پەسلى)، قار ئېيى،يامغۇرلۇق ئاي، شامال ئېيى (قىش پەسلى)، بىخ ئېيى، گۈل ئېيى، چوپان ئېيى (ئەتىياز پەسلى)، يىغىم ئېيى، تۇمۇز ئېيى، مېۋە ئېيى (ياز پەسلى) دەپ ئاتالغان. ھەر ئاي ئوتتۇز كۈن بولۇپ، ئۈچ ئون كۈنگە بۆلۈنگەن. يەكشەنبىنىڭ ئورنىغا ئونىنچى كۈننى دەسسەتكەن. ھەر ئون كۈننىڭ ئونىنچى كۈنى ئارام ئالغان. قېپقالغان 5 كۈنى (كەبىسە يىلى 6 كۈن) يىلىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلۇپ (يالاڭتۆشلەر كۈنى< دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت كالېندارى 1792 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن 1793 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن ئېتىبارەن قوللىنىشقا باشلىغان. 1805 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن كېيىن توختىتىلغان.