Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鳄蜥
بىئولوگىيە
تىمساھسىمان كەسلەنچۈك
<شىنىزاۋر كەسلەنچۈكى>، <گۈلدۈرماما كەسلەنچۈكى>، <گۈلدۈرماما يىلىنى>، <ئۇيقۇ يىلىنى> دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ كەسلەنچۈكلەر كەنجى ئەترىتى، تىمساھسىمان كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدەن شەكلى ئوتتۇراھال بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 36 سانتىمېتىر، گەۋدىسى دوغىلاق، تۆت پۇتى تەرەققىي قىلغان. بارماقلىرىدا ئۇچلۇق ھەم ئەگرى تىرناقلىرى بار، دۈمبىسى قارا، قورساق تەرىپىدە قىزىل ھەم سېرىق ئارىلاش قارا داغلىرى بار. دۈمبە قىسمىدا دانىچىسىمان تەڭگىچىلىرى ۋە تارقاق جايلاشقان قىرلىق تەڭگىچىلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقى يېنىغا ياپىلاق، قۇيرۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر قاتاردىن قىرى بار. كۆز قاپىقى تەرەققىي قىلغان، كۆز قارىچۇقى يۇمىلاق. ناغرا پەردىسى ئېنىق ئەمەس. ياندىن چىققان چىشى كونۇس شەكىللىك، چىشلىرىنىڭ چوڭلۇقى ئوتتۇرا ھال، سانى كۆپ چېكە يايىسى تەرەققىي قىلغان. باش قىسمى يۇمىلاق ھەم ياپىلاقراق بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ ياڭزىجياڭ تىمسىقىغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ قوش ماكانلىق يەر باغىرلىغۇچى ھايۋان، سۇ بويلىرىغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ، ھاشارات، قومچاق، كىچىك بېلىقلارنى يەيدۇ. دائىم دەريا، ئۆستەڭلەرنىڭ ياقىسىدىكى دەرەخ شاخلىرىدا ئۆمىلەپ يۈرىدۇ. ئۈركىگەندە دەرھال سۇغا كىرىۋالىدۇ - دە، سۇغا چۆككەن پېتى قېچىپ قىرغاقتىكى تاش يوچۇقلىرىغا يوشۇرۇنىۋالىدۇ. ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ ئالدى - كەينىدە تۇخۇم تۆرەلمىلىك كۆپىيىدۇ، بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ، 4 - 8 گىچە تۇغىدۇ. ئۇنىڭ بىرلا تۈرى بار، پەقەت گۇاڭشىنىڭ ياۋشەن تېغىدىلا بار بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
è xī
تىمساھسىمان كەسلەنچۈك