—ئىختىساسلىق
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى
قانۇنلار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
<مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ >جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار> ى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىدا 2001 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈن ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى
جياڭ زېمىن
2001 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
(1990 - يىلى 9 - ئايىىڭ 7 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ >جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار> ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى.)
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ قانۇن ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ئەسەرلىرى ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ھەم ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ، ماددىي مەدەنىيلىك، قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىغا ئىلھام بېرىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى.
2 - ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەسىرى ئېلان قىلىنغان - قىلىنمىغان بولسۇن، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى ياكى دائىم تۇرۇشلۇق دۆلىتى جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە بىنائەن بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەردىن ئەسىرى ئاۋۋال جۇڭگو تەۋەسىدە نەشر قىلىنغانلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەن ياكى خەلقئارا شەرتنامىگە بىرلىكتە قاتناشمىغان دۆلەتتىكى ئاپتورلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسىرى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتتە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ياكى ئەزا دۆلەت بىلەن ئەزا ئەمەس دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بولسا، مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
3 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە تەبئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) يازما ئەسەرلەر؛
(2) ئاغزاكى ئەسەرلەر؛
(3) مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرك سەنئىتى ئەسەرلىرى؛
(4) گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى؛
(5) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى
(6) كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر؛
(7) قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، خەرىتە، شەرتلىك سخېما قاتارلىق گرافىكلىق ئەسەرلەر ۋە مودېل ئەسەرلەر؛
(8) كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرى؛
(9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلەر.
4 - ماددا نەشر قىلىش، تارقىتىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان ئەسەرلەر بۈ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ، جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ.
5 - ماددا بۇ قانۇن تۆۋەندىكىلەرگە تەتبىقلانمايدۇ:
(1) قانۇن، نىزاملار، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇقلىرى، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە خاراكتېرىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي تەرجىمە نۇسخىلىرى؛
(2) ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەرلەر؛
(3) يىلنامە، ھەممىباب سانلىق جەۋدۋەللەر، ھەممىباب جەدۋەللەر ۋە فورمۇلىلار.
6 - ماددا خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى ئەسەرلىرىگە دائىر ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
7 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەسەر ھوقۇقىنى مەملىكەت بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
8 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتىنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات ھوقۇق ئالغاندىن كېيىن ئۆز نامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئۈچۈن ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا ھەمدە ئالاقىدار كىشى سۈپىتىدە ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان دەۋا، كېسىم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات، ئۇنىڭ تەسىس قىلىنىش ئۇسۇل، ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى، ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتى، ھەق ئېلىش ۋە تەقسىملەش ھەمدە ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
ئىككىنچى باب ئەسەر ھوقۇقى
1 - پارگراف ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى
9 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى:
(1) ئاپتور؛
(2) ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار.
10 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈم ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئېلان قىلىش - قىلماسلىقىنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛
(2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛
(3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛
(4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتېۋىتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛
(5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن ئېلىش، سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىر نۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا تەييارلاش ھوقۇقى؛
(6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛
(7) ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باشقىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىتىشىگە ھەقلىق ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە نىشانى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(8) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛
(9) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا ئورۇنداش ھەمدە ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن ئاشكارا تارقىتىش ھوقۇقى؛
(10) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرۇيېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاشكارا قايتا كۆرسىتىش ھوقۇقى؛
(11) ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىمسىز ئاشكارا ئاڭلىتىش ياكى تارقىتىش، ئەسەرنى سىملىق تارقىتىش ياكى ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھەمدە ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى شەرتلىك بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت تارقىتىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛
(12) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ جامائەتكە ئۆزى تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشتۈرۈش ھوقۇقى؛
(13) فىلىم ئىشلەش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ۋاستىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛
(14) ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى؛
(15) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بىر خىل تىل - يېزىقتىن باشقا بىر خىل تىل - يېزىققا ئۆرۈش ھوقۇقى؛
(16) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتلەش ئارقىلىق يېڭى ئەسەر تۈزۈش ھوقۇقى؛
(17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.
ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بۇ ماددىنىڭ (5) ~ (71) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.
2 - پاراگراف ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى
11 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا تەۋە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەسەرنى ئىجاد قىلغان پۇقرا ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.
قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىجاد قىلغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەسەرلەردە قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور دەپ قارىلىدۇ.
قارشى ئىسپات بولمىسا، ئەسەرگە ئىسمى يېزىلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.
12 - ماددا ئەسلى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش بىلەن ھاسىل بولغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى، شەرھلىگۈچى، رەتلىگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
13 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلىغان ئەسەرنىڭ ھەمكارلاشما ھوقۇقىدىن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئاپتورلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ئىجادىيەتكە قاتناشمىغان كىشى ھەمكارلاشقان ئاپتور ھېسابلانمايدۇ.
ھەمكارلاشما ئەسەرنى پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولسا ئاپتورلار ئۆزى ئىجاد قىلغان قىسمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆز ئالدىغا بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. بىراق ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىسا بولمايدۇ.
14 - ماددا بىر قانچە ئەسەر، ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى، ئەسەر ھېسابلانمايدىغان سانلىق مەلۇمات ياكى باشقا ماتېرىياللارنى توپلاش ئارقىلىق تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى ۋە رەتكە تۇرغۇزۇلۇشىدا ئۆزگىچە ئىجادىيىلىق ئەكىس ئەتكەن ئەسەر توپلاپ تۈزۈلگەن ئەسەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن توپلاپ تۈزگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىسا بولمايدۇ.
15 - ماددا كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھوقۇقى فىلىم ئىشلىگۈچىدە بولىدۇ، لېكىن سېنارىيە يازغان، رېژىسورلۇق قىلغان، سۈرەتكە ئالغان، ناخشا تېكىستى يازغان، مۇزىكا ئىشلىگەن ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.
كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىكى سېنارىيە، مۇزىكا قاتارلىق ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئۆزىگە تەئەللۇق ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.
16 - ماددا پۇقرالار قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ئىجاد قىلغان ئەسەر ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەردە مۇشۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەسەر ھوقۇقىدىن ئاپتور بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ۋەزىپە ئەسەرلىرىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. ئەسەر پۈتۈپ ئىككى يىل ئىچىدە ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى شۇ ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ ئورۇن پايدىلانغان ئۇسۇلدا پايدىلىنىشىغا ئىجازەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ۋەزىپە ئەسەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ئاپتور ئىسىم يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەسەر ھوقۇقىغا كىرىدىغان باشقا ھوقۇقلاردىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئاپتورنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.
(1) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ماددىي - تېخنىكىلىق شەرت - شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىجاد قىلىنغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالغان قۇرۇلۇش لايىھىسى، مەھسۇلات لايىھىسى، خەرىتە، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ۋەزىپە ئەسەرلە؛
(2) ئەسەر ھوقۇقىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر.
17 - ماددا ھاۋالە بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنىڭ ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختامدا پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىپ پۈتۈشكەن ياكى توختام تۈزۈلمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.
18 - ماددا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ھېسابلانمايدۇ، بىراق گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقىدىن ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بەھرىمە بولىدۇ.
19 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى پۇقراغا تەۋە بولسا، شۇ پۇقرا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى مەركۇز قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۆتكىلىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتقا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزگەرگەن، ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە، ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولمىسا، دۆلەت بەھرىمەن بولىدۇ.
3 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى
20 - مادا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
21 - ماددا پۇقرالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەم ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىلغىچە بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ھەمكارلاشما ئەسەر بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئەسەرلىرى ئەسەر ھوقۇقى (ئىسىم يېزىش ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا) دىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بەھرىمەن بولىدىغان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، بىراق ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ.
كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنىڭ قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ.
4 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ چەكلىنىشى
22 - ماددا ئەسەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسمۇ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق كېرەك.
(1) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرى شەخسىي ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ياكى بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە؛
(2) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا باھانە يېزىش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈلسە؛
(3) ئېقىم مەسىلىلىرىدىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېلان قلىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيىلەردە ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا قايتا ئەكىس ئەتتۈرۈلسە ياكى نەقىل كەلتۈرۈلسە؛
(4) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيىلەردە يىغىلىشلاردا قىلىنغان سۆزلەرنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا؛ بىراق ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(6) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ ياكى ئاز ساندا كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش خادىملىرىنى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەمىنلىسە بولىدۇ، ئەمما نەشر قىلىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ؛
(7) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى دۆلەت ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دائىرىدە ئىشلەتسە؛
(8) كۇتۇپخانا، ئاخىپخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ياكى نۇسخىسىنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى بىلەن كۆپەيتىپ ئىشلەتسە؛
(9) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداشتا ئاممىدىن ھەق ئېلىنمىغان، ئورۇندىغۇچىلارغىمۇ ھەق بېرىلمىگەن بولسا؛
(10) تالا دىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورنىتىلغان ياكى قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئەندىزىگە ئالسا، سىزسا، سۈرەتكە تارتسا، سىن ئالسا؛
(11) جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان، خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە نەشر قىلىپ تارقاتسا؛
(12) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئەمالار يېزىقىدا نەشر قىلىنسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
23 - ماددا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ نەشر قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى ياكى يەككە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا توپلاپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ئاپتورغا ھەق بېرىش، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى، ئەسەر نامىنى ئەسكەرتىش ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق كېرەك، ئاپتور ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ ئالدىن ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
ئۈچىنچى باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى
24 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك. مۇشۇ قانۇندا ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تۈرى؛
(2) ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى؛
(3) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش رايون دائىرىسى ۋە ۋاقتى؛
(4) ھەق بېرىش ئۆلچىمى ۋە چارىسى؛
(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛
(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.
25 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يازما توختام تۈزۈش كېرەك.
ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئەسەر نامى؛
(2) ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ تۈرى، رايون دائىرىسى؛
(3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى؛
(4) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛
(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛
(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.
26 - ماددا ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق ئىجازەت بەرمىگەن، ئۆتۈنۈپ بەرمىگەن ھوقۇقلارنى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز يۈرگۈزۈشىگە بولمايدۇ.
27 - ماددا ئىشلىتىلگەن ئەسەرنىڭ ھەق ئۆلچىمىنى ئالاقىدارلار كېلىشىپ بېكىتسىمۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇشى بويىچە ھەق بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.
28 - ماددا نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسى قاتارلىقلار مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى ۋە ھەق ئېلىش ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
تۆتىنچى باب نەشر قىلىش، ئورۇنداش، ئۈن - سىن ئېلىش، ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش
1 - پاراگراف كىتاب، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىش
29 - ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتاب نەشر قىلىشتا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن نەشر قىلىش توختامى تۈزۈشى ۋە ھەق بېرىشى لازىم.
30 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى نەشرگە تاپشۇرغاندا، كىتاب نەشر قىلغۇچىنىڭ توختامدىكى پۈتۈم بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شۇ ئەسەرنى باشقىلار نەشر قىلسا بولمايدۇ.
31 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى توختامدىكى پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى لازىم. كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت ۋە مۇددەت بويىچە نەشر قىلىشى لازىم.
كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختامدا پۈتۈشكەن مۆھلەت بويىچە نەشر قىلمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 53 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى قايتا بېسىش، قايتا نەشر قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم. كىتاب ئۆكسۈپ قالغاندا، كىتاب نەشر قىلغۇچى قايتا بېسىشنى، قايتا نەشر قىلىشنى رەت قىلسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
32 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى گېزىت - ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتىپ، 15 كۈنگىچە گېزىتنىڭ باسىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا ياكى 30 كۈنگىچە ژۇرنالنىڭ باسىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىسا، شۇ ئەسەرنى باشقا گېزىت - ژۇرناللارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئايرىم كېلىشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، قىسقارتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەسەر بېسىلغاندىن كېيىن باشقا گېزىت - ژۇرناللار ئۇنى كۆچۈرۈپ باسسا ياكى تەرمە، ماتېرىيال سۈپىتىدە باسسا بولىدۇ، بىراق بەلگىلىمە بويىچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىشى لازىم.
33 - ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ئەسەرنى تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ.
گېزىت - ژۇرناللار ئەسەرنى يېزىق جەھەتتىن تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن تۈزىتىش توغرا كەلسە، ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى لازىم.
34 - ماددا ئەسلى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش، توپلاپ تۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغاندا، ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلىگەن، توپلاپ تۈزگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھەمدە ئۇلارغا ھەق بېرىش لازىم.
35 - ماددا نەشر قىلغۇچى ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب، ژۇرنال بەت لايىھىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ياكى بەرمەسلىككە ھوقۇقلۇق.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، شۇ بەت لايىھىسى ئىشلىتىلگەن كىتاب، ژۇرنال تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ 10 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
2 - پاراگراف ئورۇنداش
36 - ماددا ئورۇندىغۇچىلار (ئارتىس، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇندىماقچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى لازىم. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئويۇن ئۇيۇشتۇرۇشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى كېرەك.
ئورۇندىغۇچىلار ئەسلى ئەسەردىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنى ئورۇندىماقچى بولسا، شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلىگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى لازىم.
37 - ماددا ئورۇندىغۇچىلار ئويۇن ئورۇنداشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) ئورۇندىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش؛
(2) ئورۇنداش ئوبرازىنى بۇرمىلاتماسلىق؛
(3) باشقىلارنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىشىغا ۋە ئاشكارا تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش؛
(4) باشقىلارنىڭ ئۈن - سىن ئېلىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش:
(5) ئۆزى ئورۇندىغان نومۇرلار ئېلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى باشقىلارنىڭ كۆپەيتىشى، تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش؛
(6) ئۆزى ئورۇندىغان نومۇرلارنى باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش.
ئىجازەت ئالغۇچى ئالدىنقى (3) ~ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئەسەر ئىشلەتكەندە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
38 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 37 - ماددىنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
بۇ قانۇننىڭ 37 - ماددىسىنىڭ (3) ~ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، شۇ ئويۇن ئورۇندىلىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
3 - پاراگراف ئۈن - سىن ئېلىش
39 - ماددا ئۈن - سىن ئېلىش بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگەندە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىن ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئەسلى ئەسەردىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنى ئىشلەتمەكچى بولسا، شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلەپ چىققان ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم.
ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر باشقىلارغا قانۇنلۇق ئىشلىگەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئىشلىمەكچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ھەق تۆلىشى كېرەك. ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
40 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەتسە ئورۇندىغۇچى بىلەن توختام تۈزۈشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم.
41 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئۆزى ئىشلىگەن ئۈن - سى بۇيۇمىدا باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ئىجارە بېرىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ. شۇ بۇيۇم تۇنجى قېتىم ئىشلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
ئىجازەت ئالغۇچى ئۈن - سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىشتا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئورۇندىغۇچىلارنىڭمۇ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
4 - پاراگراف رادىئو ئاڭلىتىش، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىش
42 - ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنى ئاڭلاتماقچى، كۆرسەتمەكچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم.
رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئاڭلىتىش، كۆرسىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ھەق بېرىشى لازىم.
43 - ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى نەشر قىلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەندە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ھەق بېرىشى كېرەك. ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
44 - ماددا رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئىجازەت بېرىلمىگەن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى چەكلەشكە ھوقۇقلۇق:
(1) ئۆزى ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەن رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئاڭلىتىش، كۆرسىتىش؛
(2) ئۆزى ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەن رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئۈن - سىن ۋاستىلىرىگە ئېلىش ھەمدە شۇ ئۈن - سىن ۋاستىلىرىنى كۆپەيتىش؛
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولۇپ، بۇ مۇددەت شۇ رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ 50 - يىلى 21 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
45 - ماددا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى باشقىلارنىڭ كىنو ئەسىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلىرى، سىن بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىشتە فىلىم ئىشلىگۈچى ياكى سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەمدە ھەق بېرىشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ سىن بۇيۇمىنى كۆرسىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
بەشىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرى
46 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ، دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلىۋالغانلار؛
(2) باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنى شۇ ھەمكارلاشقان ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئىجاد قىلغان ئەسەر قاتارىدا ئېلان قىلىۋالغانلار؛
(3) ئۆزى ئىجادىيەتكە قاتناشماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نام - مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئىسمىنى يېزىۋالغانلار؛
(4) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلىۋەتكەنلەر، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛
(5) باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلار؛
(6) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ كۆرگەزمە قىلىش، كىنو ئىشلەش ئارقىلىق ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئەسەر ئىشلەتكەنلەر ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەر ئىشلەتكەنلەر. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(7) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەق بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ھەق بەرمىگەنلەر؛
(8) كىنو ئەسىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، كومپۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، ئۈن - سىن بۇيۇمى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالماي، ئۇلارنىڭ ئەسىرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمىنى ئىجارە بەرگەنلەر. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(9) نەشر قىلغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار نەشر قىلغان كىتاب، ژۇرناللارنىڭ بەت لايىھىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(10) ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەق مەيداندا ئورۇندىغان نومۇرلىرىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسەتكەن، ئاشكارا تارقاتقان ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگەنلەر؛
(11) ئەسەر ھوقۇقىغا ھەم ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئەتلەرگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.
47 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جامائەت مەنپەئىتىنىمۇ زىيانغا ئۇچراتقانلارنى ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلسا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ ئىشلەنگەن كۆپەيتمە بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلسا، كۆيدۈرسە، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى يەنە قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان كۆپەيتمە بۇيۇم ئىشلەشكە سەرپ قىلغان ئاساسلىق ماتېرىيال، قورال، ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئورۇنداش، قويۇش، ئاڭلىتىش، توپلاپ تۈزۈش، ئۇچۇر تورىدا جامائەتكە تارقىتىش. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(2) باشقىلار مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلىش؛
(3) ئورۇندىغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، شۇ ئورۇندالغان نومۇر ئېلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش ياكى ئۇچۇر تورىدا جامائەتكە تارقىتىش. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(4) ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇلار ئىشلىگەن ئۈن - سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئۇچۇر تورىدا جامائەتكە تارقىتىش. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(5) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، رادىئو - تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئاڭلىتىش، كۆرسىتىش ياكى كۆپەيتىش. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(6) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسىرى ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى قاتارلىقلارغا ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلارنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغا تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىدىن قەستەن باش تارتىش ياكى ئۇنى بۇزىۋېتىش. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(7) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسىرى، ئۈن - سىن بۇيۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى باشقۇرۇشقا ئائىت ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلىرىنى قەستەن چىقىرىۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(8) باشقىلارنىڭ ئىسمى سۈيىئىستېمال قىلىنغان ئەسەرلەرنى ياساش، سېتىش.
48 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلار ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ. ئەمەلىي زىياننى ھېسابلاش قىيىن بولسا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بويىچە تۆلەم تۆلىتىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ.
49 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئەت ئىگىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى ياكى سادىر قىلىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى دەلىل - ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىيالىسا، دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنى توختىتىشقا بۇيرۇش ۋە مال - مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىلتىماسنى بىر تەرەپ قىلىشتا، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق - تەلەپ دەۋا قانۇنى> نىڭ 93 ~ 96 - ماددىلىرىدىكى ۋە 99 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە تەتبىقلايدۇ.
51 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقىغا ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىپ كۆپەيتكەن بۇيۇمى ھەم قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە ئىشلەتكەن پۇل، مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ.
52 - ماددا كۆپەيتمە بۇيۇمنى نەشر قىلغان ئىشلىگۈچىلەر ئۆزلىرى نەشر قلىغان، ئىشلىگەندە قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، كۆپەيتمە بۇيۇمنى تارقاتقۇچى ياكى كىنو ئەسىرى ۋە ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەر، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، ئۈن - سىن كۆپەيتمىلىرىنى ئىجارە بەرگۈچىلەر ئۆزى تارقاتقان، ئىجارە بەرگەن كۆپەيتمە بۇيۇمنىڭ قانۇنلۇق مەنبەسىنى ئىسپاتلىيالمىسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
53 - ماددا ئالاقىدار توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈشكەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىسە، <جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى> قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
54 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى مۇرەسسە قىلىنسا بولىدۇ، ئالاقىدار پۈتۈشكەن يازما كېسىم كېلىشىمىگە ياكى ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىكى كېسىم ماددىلىرىغا بىنائەن كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئالاقىدار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان، ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىمۇ كېسىم ماددىلىرى بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
55 - ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. سۈرۈك توشقۇچە دەۋا قىلمىغان، ئىجرامۇ قىلمىغان بولسا، ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
56 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان <ئەسەر ھوقۇقى> <نەشر ھوقۇقى> دېمەكتۇر.
57 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 2 - ماددىسىدا ئېيتىلغان نەشر قىلىش ئەسەر كۆپەيتىش، تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
58 - ماددا كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
59 - ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە نەشر قىلغۇچى، ئورۇندىغۇچى، ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈنى تېخى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى ياكى خىلاپلىق قىلمىشلىرى شۇ قىلمىش يۈز بەرگەن چاغدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، سىياسەتلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
60 - ماددا بۇ قانۇن 2001 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 0199 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.