Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
二月事件
دائىرە: دۇنيا تارىخىفېۋرال ۋەقەسى
چېخوسلوۋاكىيە بۇرژۇئازىيىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ھۆكۈمەت كرىزىسى. چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيتى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان بۇرژۇئازىيە پارتىيىسىنىڭ 12 مىنىستىرى 1948 - يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىستېپا بېرىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ بۇرژۇئازىيە، پومېشچىكلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. چېخوسلوۋاكىيە خەلقى كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاپ ۋە ئاممىۋى قوراللىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ سۈيقەستىنى تارمار قىلىپ، گوتتۋالد باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان. 6 - ئايدا گوتتۋالد جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.