Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
二.二六事件
دۇنيا تارىخى
26 - فېۋرال ۋەقەسى
ياپونىيىدىكى فاشىست ئوفىتسېرلار پىلانلىغان قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى. 1936 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاندوتېرۇزو، مۇراناكا كوجى، كۇرىخارا ياسۇخىدې قاتارلىق مونارخىست ئوفىتسېرلار 1400 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى باشلاپ توكيودا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ قەسىرىگە ياكى شەخسىي قورۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سائىئوما كوتۇ، مالىيە ۋەزىرى تاكاىاشى كورېكىيو ۋە مائارىپ باش نازارەتچىسى ۋاتانايې جوتارونى ئۆلتۈرگەن ھەمدە باش ۋەزىر قەسىرىنى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىكى، ساقچى ۋازارىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئارقىلىق <دۆلەتنى ئۆزگەرتىش> نى يولغا قويۇپ، ھەربىي ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەتنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان. بىراق، ھەرقايسى تەرەپلەر قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكتىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باشلىقلىرى بىر مەھەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن، 29 - كۈنى توپىلاڭنى باستۇرۇشقا رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. توپىلاڭچى ئارمىيە كاتتىباشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ژاندارما ئەترىترى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. توپىلاڭغا قاتناشقان ئەسكەرلەرمۇ كەينى - كەينىدىن ئۆز قوشۇنىغا قايتقان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن <ئارمىيىنى تازىلاش> ئارقىلىق مونارخىستلارنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ، كونترولچىلارنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىگە بولغان يېتەكچى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن خىروتاكوكى ئىچكى ئىشلار كابىنېتىن ئارمىيە ۋەزىرىنىڭ خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئەمەلدار بولۇش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبور قىلىپ، ئارمىيىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئارىلىشىشى ۋە كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە تېزدىنلا جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ۋە ئارمىيىدە فاشىستلىق دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشكە قاراپ ماڭغان.