English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Ephtahalites
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەرئېفتالىتلار
ئېفتالىتلار <يەپتاللار>، <غۇزلار>، <ئاق ھۇنلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفتېلىتلار - ئېلىمىزنىڭ شىمالىي رايونى ۋە ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى قەبىلە - قوۋم نامى، توخارلارنىڭ غەربىي تارمىقى. جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا بۇ ھەقتىكى خاتىرلەر ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: <لياڭنامە> دە بۇلارنى قاڭقىللارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ قەيت قىلىنغان؛ <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> دا <چوڭ توخرىلار> دەپ ئاتىغان. يەنە بەزىلەر چوڭ توخرىلار بىلەن ھۇنلار نەسلىدىن بولغان شالغۇتلار دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ رەڭگىرويى ئاقراق بولغاچقا <ئاق ھۇنلار> دەپمۇ ئاتىغان. بۇلار دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ - Ⅲ ئەسىرلەردە سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدا، كېيىن ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي، تەڭرى تېىغنىڭ شەرقىي قىسمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تەخمىنەن Ⅴ ئەسىردە غەربىي يۇرتقا ئۆتۈپ، غەربىي يۇرتتىكى ئاگنى (قارا شەھەر)، سۇلې (قەشقەر)، قۇم (ئاقسۇ)، كۈسەن (كۇچار)، كاۋاتتا (تاشقورغان) قاتارلىق بەگلىكلەرنى ئىستېلا قىلىپ، بىر مەھەل يەرلىك قوۋملار ئۈسىتدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربكە سىلجىپ ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ، ئاففانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەپ، بەلخنى پايتەخت قىلىپ، دۆلەت قۇرغان. بۇ دۆلەت Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە مەۋجۇت بولغان.
ئېفتالىتلار 427 - يىلى ساسانىيلار سۇلالىسنى مەغلۇب قىلىپ، پادىشاھى فىروزنى ئۆلتۈرۈپ، ساسانىيلار سۇلالىسىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىنى ئىشغال قىلىپ گۇپتا خاندانلىقىغا تەھدىت سالغان.
563 - 569 - يىللىرى تۈركلەر بىلەن ساسانىيلارنىڭ بىرلىكتە قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئېفتالىت دۆلىتى گۇمران بولۇپ، ئاھالىلىرى تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن. كېيىن باشقا خەلىقلەر تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان. ئېفتالىتلار دەسلەپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ، كېيىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۆچكەن ھەمدە زوروئاستېر (زەردۇشىت) دىنىنى قوبۇل قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئىنگلىزچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.