Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇگاكى ئىسېئى
دۇنيا تارىخى
宇垣一成
yǔ yuán yī chéng
(1868 - 1956) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. ئوكاياما ناھىيىسىدىن 1900 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1916 - يىلى باش شتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سىبىرىيىگە ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلغان. تىرائوچى ئىچكى كابىنېتى جۇڭگو دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىنى <جۇڭگو - ياپونىيە ھەربىي كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1923 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى تاناكا كېئىچىنىڭ قول ئاستىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1924 - يىلى، تاناكاكېئىچىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، ناگاسىيو مىلىتارىستلىرى سىستېمىسىنىڭ ۋارىسىغا ئايلانغان. 1925 - يىلى تۆت دىۋىزىيە ئارمىيىنى قىسقارتىش باھانىسى بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1927 - يىلى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت باش ۋالىيسى، 1927 - يىلى قايتا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1931 - يىلىدىكى <مارت ۋەقەسى> گە چېتىلىپ، مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. 1931 - يىلى 6 - ئايدىن 1936 - يىلى 8 - ئايغىچە چاۋشيەندە باش ۋالىي بولۇپ، فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1937 - يىلى 1 - ئايدا بۇيرۇققا بىنائەن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىمەكچى بولغاندا، ھەربىي ۋازارەت باشلىقلىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1938 - يىلى كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېپا بەرگەن. 1953 - يىلى ئالىي پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان، كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ توملۇق <ئۇگاكى ئىسېئى خاتىرىلىرى> ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغان.