Uyghurئاساسىي لۇغەت
خانا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئۆي، بۆلمە.
خانىمىزغا مەرھەمەت قىلغايلا.
قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۈتۈن،
ئىشىك، تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن.
2. بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئورنى، جايى دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. ئىشخانا.* كىنوخانا.* مەجلىسخانا.* ئويۇنخانا.* كارخانا.* گېزىتخانا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ماتېماتىكا ئاتالغۇسى. سانلارنىڭ تۇرۇش ئورنى.
بىرلەر خانىسى.* ئونلار خانىسى.* يۈزلەر خانىسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوچۇق، روشەن، ئېنىق، ئوقۇلۇشى ئاسان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئىشىك، دېرىزە، تورۇسى بولغان، ئولتۇراق جاي ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر.
<ھۇجرا> سارايلاردىكى ئايرىم - ئايرىم ئۆي.
<كەپە>، <كۈلبە> لەر ئاددىي ئۆيلەر.
<قازناق> نەرسە - كېرەك قويىدىغان كىچىك <ئامبار>.
يالغۇز خىشتا ئۆي بولماس. ئوغرى ئون ئۆيگە چۈشمەي ئۆلمەس. قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۇتۇن، ئىشىك - تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن. خانىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ. ئىشخانا. بۇ بۆلمىدە كىم بولسا، شۇ ساھىبخان. ساراينىڭ ھۇجرىسى كۆپ، ياراملىقى يوق. كەپىدىمۇ ئۇلۇغ زات تۇغۇلىدۇ. دادام قازناقتا يوق. كۈلبىدىن كۈلكە چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆي ياكى بىر پۈتۈن بىنانىڭ تام بىلەن بۆلۈنگەن ھەربىر قىسمى؛ بۆلۈم.
مەلىكە خۇشال بولۇپ، ئۇنى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇدى. پەرى قىزلار ھاتەمنى باشلاپ، مەلىكىنىڭ خانىسىغا كىرىشتى.
تۇرالغۇ جاي، ئائىلە، ئۆي.
تاماقتىن كېيىن، شائىرمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۇزاپ، ئۆز خانىسىغا قايتتى.
بەزىبىر ئىسىملارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ، <ئورۇن - جاي> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى ياسايدۇ.
كارخانا. دەرسخانا. مەجلىسخانا. ھاجاتخانا.
<مات> سانلارنىڭ تۇرۇش ئورنى. مەسىلەن، ساننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ سانىغاندا، بىرىنچى ئورۇن بىرلەر خانىسى، ئىككىنچى ئورۇن ئونلار خانىسى بولىدۇ.