Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسنەۋى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە ئىككىلىك سۆزىدىن)
قاپىيىلىنىش تەرتىپىگە قاراپ شەكىللەنگەن شېئىرىي شەكىللەردىن بىرى. ھەربىر بېيىتى مۇستەقىل ھالدا ئايرىم - ئايرىم قاپىيىلىنىدىغان بەند (ئىككى مىسرادىن تۈزۈلىدىغان) شەكىل مەسنەۋى (ئىككىلىك) دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىياتتا پەقەت سۇژېتلىق كىچىك شېئىرلارلا ئەمەس، بەلكى چوڭ - چوڭ دستانلارمۇ مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. ناۋايىنىڭ «خەمسە» سىنىڭ داستانلىرى مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىم شېھىت، ئەلقەم ئەختەم ۋە تېيىپجان ئېلىيېۋ قاتارلىق شائىرلار مەسنەۋى شەكلىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.
مەسىلەن، ئۇنى مۇنداق كۆرسىتىش مۇمكىن:
. . . . . . . . . . . . . . . . . . a
. . . . . . . . . . . . . . . . . . a
. . . . . . . . . . . . . . . . . b
. . . . . . . . . . . . . . . . . b
. . . . . . . . . . . . . . . . . c
. . . . . . . . . . . . . . . . . c
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىككى، ئىككىلىك(ھەر ئىككى مىسراسى قاپىيداش بولغان شېئىرىي ئەسەر).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
قاپىيىداش بېيىتلاردىن ئىبارەت بولغان شېئىر شەكلى.