Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىنىپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە مەھسۇلاتلارنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن تەشكىل تاپقان ئىجتىمائىي گۇرۇھ.
ئىشچىلار سىنىپى. * دېھقانلار سىنىپى. * بۇرژۇئازىيە سىنىپى. * پومېشچىكلار سىنىپى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئوقۇش يىلى داۋامىدا بىر خىل پروگرامما بويىچە دەرس ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى.
4 - سىنىپ. * سىنىپتىن كۆچمەك. * سىنىپتىن قالماق.
2 . ئوقۇغۇچىلار دەرس ئالىدىغان ئۆي. ئازادە سىنىپ. * سىنىپ پارتىسى. * سىنىپدوسكىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈلىدىغان مەخسۇس ئۆي.
ئەمەت سىنىپىدا دەرس تەييارلاۋاتىدۇ. بەش سىنىپلىق يېڭى مەكتەپ سېلىندى. بىزنىڭ دەرسخانىمىز ھەم كەڭ، ھەم يورۇق.
دۇنيا تارىخى
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئەييەن دەۋرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇئەييەن ئىجتىمائىي گورۇھ. <سىنىپلار دېگىنىمىز شۇنداق بىر گورۇھلاركى، ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدە تۇتقان ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ گۇرۇھلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالالايدۇ>. (لېنىن: <ماركىس، ئېنگلېس ۋە ماركىسزم توغرىسىدا> 1977 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 427 - 725 - بەتلەر). سىنىپ ئەزەلدىن بار بولغان ئەمەس، ئۇ ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرى تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندىكى مەھسۇلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالىي باسقۇچىدا، مېتال قوراللارنىڭ (مىس، برۇنزا، كېيىن تۆمۈر قورال) ئىشلتىلىشى تۈپەيلىدىن ئەمگەك ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرى ئۆسۈپ، ئىجتىمائى ئىش تەقسىماتى ۋە ئايرىۋاشلاشنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەن، ئىكپىلاتاتسىيە مۇناسىۋىتى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم سىنىپقا يەنى قۇلدارلار بىلەن قۇللار، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئاددىي خەلقلەر (كەمبەغەللەر)گە بۆلۈنگەن، بىرلىككە كەلگەن ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا يىمىرىلىشكە قاراپ ماڭغان. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ تەكشىسىزلىكى تۈپەيلىدىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋەسىنىپنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىدا ئىلگىرى - كېيىنلىك بولغان. ئومۇمەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى چاغلاردا مېسوپوتامىيە ۋادىسى(ئىراق)نىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى (مىسىر) ئەڭ بۇرۇن سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ ھىندى دەرياۋادىسى بىلەن ئېگېي دېڭىز رايونى مىلادىدىن3000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ جۇڭگودا سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى شيا سۇلالىسى دەۋرىدە بولغان؛ يۇنان، رىمدا سىنىپىي جەمئىيەت بولسا مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدابارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. تارىختا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۈچ خىل سىنىپىي جەمئىيەت، يەنى قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت ۋە كاپىتالىزم جەمئىيىتى پەيدا بولغان؛ ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر - بىرىگە تۈپتىن قارىمۇ - قارشى بولغان ئىككى سىنىپنىيەنى قۇلدارلار بىلەن قۇللار، پومىشچىكلار بىلەن دېھقانلار (يانچىلار) ۋە كاپىتالىستلار بىلەن ئىشچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەلۇم ئاساسلىق بولمىغان ياكى ئۆتكۈنچى خاراكتىرلىك سىنىپلارمۇ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. كاپىتالىزمدىن بۇرۇنقى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە، سىنىپلار بەزىدەئوخشاش بولمىغان تەبىقە گورۇھلار شەكلى بىلە ئىپادىلەنگەن (مەسىلەن، ھىندىستاندىكى ۋارنا تۈزۈمى). سىنىپ بىلەن بارلىققا كەلگەن سىنىپىي زىددىيەت ۋە كۈرەش جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكەئايلانغان؛ بۇ كۈرەشلەر ئەڭ ئاخىرى مۇقەررەر ھالدا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا ئېلىپكېلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. سىنىپ مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتى سىنىپسىز جەمئىيەتكە قاراپ مېڭىشتىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنى غايەت زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇش، سىنىپىي پەرقلەرنى يوقىتىش، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرى سىنىپنى يوقىتىش، ئىلمىي كوممۇنىزم غايىسىنى ئىشقائاشۇرۇش - پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە تارىخىي بۇرچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<پەلس> مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا، كىشىلەرنىڭ تۇتقان ئورنىنىڭ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى نەتىجىسىدە ئايرىلغان بۆلەك، گۇرۇھ.
ئىشچىلار سىنىپى. پرولېتارىيات سىنىپى. بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى سىنىپ.
<مائار> مەكتەپلەردىكى بىر ئوقۇش يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر باسقۇچ ياكى مەلۇم كەسىپ بويىچە تەشكىللەنگەن ھەربىر گۇرۇپپا.
بىرىنچى سىنىپ. سىنىپ ئاتلىماق. سىنىپتىن قالماق.
<مائار> ئوقۇتۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىغان، دەرس ئۆتۈلىدىغان ئۆي.
ئازادە سىنىپ. سىنىپ دوسكىسى.
<بىئول> بىر تىپتىكى جانلىقلارنىڭ ئوخشاش بەلگىلىرى ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قايتىدىن ئايرىلغان توپى. مەسىلەن، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تىپى بېلىقلار، قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەر دېگەندەك سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە تىپتىن تۆۋەن، ئۇرۇقداشتىن يۇقىرى تۇرىدۇ.