Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ھورلۇق نان، ھورنان، جىڭموما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوناق ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ تۆگىگە بېرىش ئۈچۈن راسلانغان كۇمىلاچ.
ئۇ زالىمنىڭ ئۆيىدە يەيدىغىنىم كېپەكتە ياققان پوم.
مەلۇم دائىرە، چېگرا، پاسىلنى بەلگىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن توپىدىن سېلىنغان كىچىك دۆۋە.
پاسىلغا پوم سالماق.