Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەلەي
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تەبىئەتتە قەلەي ھەمىشە گرانتنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەر شارى ئەمدىلەتىن شەكىللىنىۋاتقاندا، قەلەي فتور، خلورلار بىلەن بىرىكىپ، زىچلىقى تۆۋەن بىرىكمە ھاسىل قىلىپ، ماگمىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان. كېيىن، يەر شارىنىڭ سىرتى بارا - بارا سوۋۇپ يەر پوستى شەكىللەنگەندە، گرانتلارنىڭ ئۈستىدىكى قەلەي خلور، فتورلار بىلەن «خوشلىشىپ»، سۇ پارى بىلەن ئۇچرىشىپ قاتتىق مەدەنگە ئايلاندى، ئۇ كاسسىتېرىت (قەلەي تېشى) دەپ ئاتالدى.
كاسسىتېرىت ئەڭ مۇھىم قەلەي رۇدىسىدۇر، ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى قەلەي (Ⅳ) ئوكسىد. ساپ قەلەي (Ⅳ) ئوكسىد رەڭگى ئاق ماددا. كاسسىتېرت تەركىبىدە تۆمۈر، مانگان قاتارلىق ئارىلاشمىلار بولغانلىقتىن، كاسسىتېرىت كۆپىنچە قارا ياكى سارغۇچ قوڭۇر كۆرۈنىدۇ.
تۆمۈر بايقىلىشتىن بۇرۇنلا كىشىلەر قەلەي تاۋلاشنى بىلگەن: كاسسىتېرىت بىلەن ياغاچكۆمۈرنى بىللە قىزدۇرسا، ئاپئاق قەلەي سۇيۇقلۇقى ئېقىپ چىقىدۇ.
قەلەي سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ،1912 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ سكوت ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ كېمىسى جەنۇبىي قۇتۇپقا بېرىش سەپىرىدە، سۇيۇق يېقىلغۇ قاچىلانغان قەلەي قاچىنىڭ كەپشەرلەنگەن چاكلىرى توساتتىن توزانغا ئايلىنىپ كېتىپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقىدا توڭلاپ ئۆلگەن؛1916 - يىلى روسىيە ۋىلادىۋوستوكتىن پېتىربۇرگقا قەلەي يۆتكەۋاتقاندا، قەلەي تۇرۇپلا بىر دۆۋە ئۇنغا ئايلىنىپ قالغان. بىر زامان زىلزىلە قوزغىغان بۇ گۇمانلىق دېلولارنى سوغۇق ھاۋا رايى پەيدا قىلغان.
بىز ئادەتتە كۆرۈپ يۈرىدىغان قەلەيلەر ئاق قەلەي دېيىلىدۇ. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئاق قەلەينىڭ كرىستاللىرى تۇراقلىق بولىدۇ. ئەگەر تېمپېراتۇرا ℃18- قا چۈشسە، قەلەينىڭ ھەجمى كېڭىيىپ، بەزى جايلىرى دىففوزىيىلىنىشكە باشلايدۇ، تېمپېراتۇرا ℃33- قا چۈشكەندە بۇ ھادىسە ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، قەلەي بىر كېچىدىلا ئۇنغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
قەلەي سوغۇقتىن قورقۇپلا قالماي، ئىسسىقتىنمۇ قورقىدۇ. تېمپېراتۇرا ℃ 161تىن ئاشقاندا، ئاق قەلەي چۈرۈك قەلەيگە ئايلىنىدۇ. لېكىن، قەلەينىڭ بىر چوڭ ئىقتىدارى بار، ئۇ تۆمۈرنى قوغداپ چىرىشتىن ساقلايدۇ. قاڭالتىر «قەلەي كىيىمى» كىيىۋالسا قەلەي يالىتىلغان قاڭالتىر بولىدۇ. ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قەلەينىڭ يېرىمىغا يېقىنى قەلەي يالىتىلغان قاڭالتىر ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، قەلەي يالىتىلغان قاڭالتىر بولسا، كونسېرۋا ئىشلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ماتېرىيالى، شۇڭا كىشىلەر قەلەينى «كونسېرۋا ياسايدىغان مېتال» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<خىم> مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى stannum(Sn) ساپلىرى كۈمۈشتەك ئاق، سوزۇلۇشچانلىقى ياخشى بولىدۇ. ھاۋادا ئوڭايلىقچە ئوكسىدلانمايدۇ. ئادەتتە تۆمۈرگە ھەل بېرىش، مېتاللارنى پاياتلاش ياكى قېتىشما تەييارلاشتا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
مىستىن ياسالغان قاچىلارنىڭ ئىچكى يۈزىگە قاپلانغان شۇ خىل مېتال قاتلىمى.
ئاق تۈنىكە، قاڭالتىر.