Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايىف
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستانىنڭ غەربىدىكى سىرات تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان يازلىق پايتەخت. بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتر ئېگىز بولغان ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھاۋاسى يازدا بەك سالقىن، شۇڭا ئۇ يازدا ئىستراھەت قىلىدىغان مۇھىم مەنزىرىلىك جاي بولۇپ قالغان. تايىف شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا مول سۇ بايلىقى، ئوغۇتلۇق تۇپراقلىق ئورۇنلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھىم تېرىقچىلىق مەيدانىغا ئايلانغان، ئۇ جايدا ھەرخىل مېۋە - چېۋە، بۇغداي، ئارپا، سەي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خىل زىرائەتلەر بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ، ئاشقىنى بىلەن مەككە قاتارلىق شەھەرلەرنى تەمىنلەيدۇ.تايىف شەھىرىدە ھازىر 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدۇ. شەھەردە يەنە ھەيۋەتلىك ئاھالە ئولتۇراقلىق بىنالار، خان سارايلىرى، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئەل خاۋساھ دېگەن ئورۇندا ئايرودروم قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار. تايىف شەھىرىدە يازلىقى پادىشاھ ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەم ئالىدۇ. ئۇ جايدا ھۆكۈمەتنىڭ يازلىق ئىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى جايلاشقان. تايىفقا مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر كىرىش ئۈچۈن ئالىي ھوقۇقلۇق ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك. بولمىسا كىرگۈزەلمەيدۇ. تايىف مەككە، مەدىنىگە ئوخشاش مۇھىم شەھەرچىنىڭ بىر، ھەج قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە كەلگەن كىشلەر تايىفقا بارماي قايتمايدۇ. ئۇنىڭ ھەج قىلغۇچىلار نەزەرىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم.