Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارزۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىستەك، خاھىش.
ھەۋس، مەيل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىچكى سېزىم.
ئارزۇدا ئەيىب يوق. ئارزۇنىڭ چېكى يوق. ئارزۇ _ ئىدىيىنىڭ ئاتىسى. ئارزۇدىن تۇلپار تۇغۇلسا. دىۋانە پىيادە ماڭماس ئىدى. تىلەك بولسا، بىلەك تالماس. ئالىي ئىستەك _ بۈيۈك دۆلەت. ئۈمىد ئۆمۈر تىرىكى. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار. ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. رىجا كۈچ بېغىشلايدۇ. ئاساسىسز ئارمان ھەقىقىي غايىنى بىتىچىت قىلار. ئارمىنى يوق ئازار.
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىستەك، ئۈمىد، ئارمان، ئىنتىلىشلەردىن ئىبارەت بولۇپ، «ئېھتىياج» نىڭ بىر خىل تۇيغۇ شەكلى. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان مەلۇم بىر خىلدىكى شەيئى ياكى ھەرىكەتكە ئىنتىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەلۇم بىر شەيئىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى مەلۇم بىر پائالىيەتنى باشلىۋېتىش كويىدا بولۇشتا ياكى مەلۇم بىر شەيئىدىن قۇتۇلۇش ياكى مەلۇم پائالىيەتنى توختىتىش كويىدا بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئادەمنىڭ «ئاچلىق، ئۇسساش» سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمدە ئاچلىق بىلەن ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئېھتىياجى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج كىشىدە يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى ئاخىرى يېيىش - ئىچىش ھەرىكىتىگە ئېلىپ بارىدۇ، ئەكسىچە قورساقنىڭ تويۇش سەزگۈسىنىڭ پەيدا بولۇشى تاماق يېيىش ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېيىش - ئىچىش ئارزۇسى تۈگەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، يېيىش - ئىچىش ھەرىكىتى توختايدۇ.
ئارزۇ ھاياجانلىنىش ياكى ئويلىنىشتىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ساپ ھاياجاندىن پەيدا بولغان ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت ھاياجانلىق ھەرىكەت بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتكە كەلگەن كىشى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ئۆزىنى ئەقىل بىلەن تىزگىنلىيەلمەيدۇ. مۇنداق ھەرىكەت ئۇزاققا بارمايدۇ. ئويلاشتىن كېلىپ چىققان ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە قىلىنغان ھەرىكەت ئىرادە ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتكە كەلگەن كىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولىدۇ ھەمدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاتارۇت (مېركۇرىي) يۇلتۇزى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىلدىكى ئىستەك؛ ئۈمىد، ئىنتىلىش، ھەۋەس.
ئارزۇ قىلماق.
بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ. (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
ئارزگۈل، ئازىگۈل، ئازىقىر، ئازى
① ئۈمىد، قىزغىنلىق، ② ئارزۇلۇق قىز، ئازىلىق ئەر