—مەنبە
كۆممە كاۋا
ئۇيغۇر تائاملىرى
قاتقان چاقما كاۋا بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئىككى باش.
1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، سۈيۈلدۈرۈپ، پىياز، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق قىيما ياسىلىدۇ.
2. ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى قاتقان چاقما كاۋىنىڭ ساپىقى ئەتراپىدىن چاقماق ئۇرۇپ ئاجرىتىپ ئېلىپ، كاۋىنىڭ ئىچىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ، ئۇرۇق - تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىگە قىيما تولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئاجرىتىپ ئېلىنغان چاقماقنى ئۆز جايىغا قاپلاپ چىڭ ئېتىپ، كاۋىنى ھۆل لاتا ياكى ھۆل قەغەزگە ئوراپ ياكى تونۇرغا كۆمۈپ 2-3 سائەت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كۆممە كاۋىنى ئورىغان قەغەز ياكى لاتىنى ئېلىۋېتىپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.