Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
كروپاتكىن
دۇنيا تارىخى
克鲁泡特金
kè lǔ pào tè jīn
(1842 - 1921) روسىيلىك ئانارخىست، جۇغراپىيون. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1862 - 1867 - يىللىرى ئىركوتىسىك ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، سىبىرىيىدە جۇغراپىيە، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1867 - يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ، روسىيە جۇغراپىيە ئىلمى جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1872 - يىلى شۋېتسارىيىگە بېرىپ، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باكۇنىن گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1874 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1876 - يىلى تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ چەت ئەلگە كەتكەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئانارخىزم ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە چاكىنى مېخانىتىسزم ۋە چاكىنا ئېۋولىيۇتسىيە نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرغان. جەمئىيەتشۇناسلىق جەھەتتە سۇبىكتىپ ئىدېئالىست ۋە مېتافىزىكىچى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە بارلىق دۆلەتنى بىكار قىلىپ، ئامما سېتىخىيىلىك ھالدا ھەمكارلاشقان ھۆكۈمەتسىز جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ياكونىنزمنى راۋاجلاندۇرۇپ بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان نەزەرىيە سىستېمىسىغا كۆتۈرگەن. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن روسىيىگەقايتىپ كېلىپ، ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. ئۇلۈشتىن سەل بۇرۇن (1920) ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تونوپ يېتىپ، ياۋرۇپا - ئامېرىكا ئىشچلىرىنى ئۆز ئىلى ھۆكۈمتىنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق <شەرقىي سىبىرىيەنىڭ تاغ - ئېدىرلىرى تەزكىرىسى>، <شەرقىي سېبىريىنىڭ تاغ - ئېدىرلىرى تەزكىرىسى ماتېرىياللىرى>، <1789 - 1793 - يىللاردىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.