Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئادەمنىڭ بېشىدىكى قىلغا ئوخشاش تۈك، موي.
چاچلىق، ئاق چاچ، قارا چاچ، سېرىق چاچ، ئۆرۈمە چاچ.* چاچ ئالماق، چاچ قويماق، چاچ سالماق.* چاچ ياسىماق، چاچ ئۆرۈمەك، چاچ چۈشمەك، چاچباغ،چاچپۆبۈك، چاچتەڭگە.* چاچ مېيى.* چېچىڭ نەدە ئاقارغان؟ * تازنىڭ كۆزى چاچتا،قىزنىڭ كۆزى قاشتا ( ماقال ).* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن ( ماقال ).* گېزىت خەۋىرىگە قارىغاندا، يۈننەندە 88 ياشلىق بىر موماينىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.65 مېتىر، ئېغىرلىقى 1 كىلوگرام ئىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاچماق، چېچىش. 1. سەپمەك، پۈركىمەك.
سۇ چاچماق.* ئەتىر چاچماق.
2. تارقاتماق. يەرگە ئۇرۇق چاچماق، كۆزىگە توپا چاچماق.* ئاتا چۆمۈلىدەك يىغىدۇ، بالا توخۇدەك چاچىدۇ ( ماقال ).
گۆھەر ئېرىشسەڭ ئالدىراپ كېتىپ،
ئەينەك _ مۇنچاقلارنى تاشلىما چېچىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەمنىڭ باش قىسمىدا ئۆسىدىغان تۈك ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى؛ موي.
چاچ ئالماق. چاچ سالماق.
قوي، كالا قاتارىق چارۋىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان سىڭىر.