Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېتا بېلىقى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
كېتا بېلىقى سالمۇ بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ گۆشىنىڭ تەملىكلىكى، ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، تارىختىن بۇيان كىشىلەر تەرىپىدىن قىممەتلىك بېلىقلار قاتارىدا سانالماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن كېتا بېلىقى كۆپ چىقىدۇ، ئۇ يەرنىڭ «كېتا بېلىقى يۇرتى» دېگەن نامى بار.
كېتا بېلىقىنىڭ تېنى ئۇزۇن ھەم يان ياپىلاق، تۇمشۇقى قۇشنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاش ئۇچلۇق. ئاغزى چوڭ، ئىچىدە ئۆتكۈر چىشلىرى بار يىرتقۇچ بېلىقتۇر. ئۇ دەريادا تۇخۇمدىن چىقىپ، دېڭىزدا يېتىلىدۇ. ئاساسلىقى شىمالىي يېرىم شاردىكى ئوكيانلاردا ياشايدۇ، ئوخوتسىك دېڭىزى، بېرىڭ دېڭىزى قاتارلىق جايلاردا ئەڭ كۆپ. ئۇلار دېڭىزدا تۆت يىل ياشىغاندىن كېيىن ھەر يىلى8 −9 - ئاي ئارىلىقىدا جىنسىي جەھەتتە يېتىلگەندە ئاندىن يىراق دېڭىزدىن توپ - توپ بولۇپ يېقىن دېڭىزغا كېلىپ، دەريالارغا كىرىدۇ ھەم دەريا ئېقىنىغا قارشى نەچچە مىڭ چاقىرىم سۇ ئۈزۈپ ئەسلى ماكانى − خېيلۇڭجياڭ دەرياسىغا قايتىپ كېلىدۇ.
دەرياغا كىرگەندىن كېيىن ئوزۇقلۇق يېيىشتىن توختايدۇ. بەزى كېتا بېلىقلىرى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى سۈزۈك، سوغۇق تارماق ئېقىنلىرى بولغان ئۇسسۇرى دەرياسى، خۇما دەرياسى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى قاتارلىق دەريالارغا كىرىپ كۆڭۈلدىكىدەك تۇخۇم تۇغۇش سورۇنى ئىزدەيدۇ. تۇخۇم تۇغۇشتىن بۇرۇن چىشى بېلىق قورساق قىسمى ۋە قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى بىلەن دەريا تېگىدىكى لاي - لاتقىلارنى ۋە ئوت - چۆپلەرنى تازىلىۋېتىپ، ئۇششاق قۇم - شېغىل تاشلارنى ئىككى تەرەپكە ئىتتىرىپ، بىر يۇمىلاق تۇخۇم شەكىللىك تۇخۇم تۇغۇش ئورنى ياسايدۇ. ئاندىن چېتىشىپ تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ئەركەك - چىشى بېلىق تۇخۇم تۇغۇش ئورنى يېنىدا تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە قاراۋۇللۇق قىلىپ قوغدايدۇ.100 نەچچە كۈندىن كېيىن بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىقىدۇ. ئىككىنچى يىلى باھاردا ئۇلار ئېقىن بويلاپ تۆۋەنگە ئۈزۈپ، دېڭىزغا كېتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز ماكانىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، جىنسىي جەھەتتە يېتىلگەندە يەنە مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆز ماكانىغا قايتىپ كېلىدۇ.
كېتا بېلىقىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، گۆشى تەملىك بولۇپلا قالماستىن، بېلىق تۇخۇمى (ئىكراسى) تېخىمۇ ئەتىۋارلىق. ئۇنىڭ تۇخۇمى ئادەتتىكى بېلىقلارنىڭ تۇخۇمىدىن خېلىلا چوڭ بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن7 مىللىمېتىر؛ رەڭگى ئوچۇق قىزىل، سۈزۈك بولۇپ، خۇددى كەھرىۋاغا ئوخشايدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، بېلىق تۇخۇمى قىيامى (ئىكرا قىيامى) تەييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى خام ئەشياسى.