—مەنبە
دادەن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا زىرائەتلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئېغىرلىق ھەم سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، خەنزۇچە <石> كەلگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭدا بىر دادەن 400 جىڭ، يەنى 200، كىلوگرامغا سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان. <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە بىر دادەن 10 كۈرىگە تەڭ دېيىلگەن.