Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئالەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پۈتۈن مەۋجۇدات، بارلىق كائىنات.
بۇ دۇنيا، دۇنيا، ئالەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئىش - ھەرىكەتنىڭ گۇمانلىق ھالىتىنى بىلدرىدۇ.
خەقنىڭ بەختسىزلىكىدىن كۈلمە، ئۆزۈڭنىڭ بەختسىزلىكى، بەلكىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشەر. ياشلىق ۋاقتىدا شۇنداق پىكىرلەر تۇغۇلىدۇكى، بۇ پىكىرلەر كېلەچەكتە ئىنساننى پەلەككە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. مىڭ ئېھتىمالدىن بىر راست چىقماس. ئېھتىمال ئادەملەر ئارىسىدىكى جىنازە پەرىشتىلەر ئۈچۈن تويدۇر. ئېھتىيات قىل، دۈشمىنىڭ دۈشمەنلىك ئوتىنى يېقىۋاتقاندۇ ھەرقاچان. ئۇ تۈنۈگۈن كەلگەن چېغى، مەن يوق ئىكەنمەن. بۇلۇت كۆتۈرۈلدى، يامغۇر ياغىدىغان چېغىۋا. ۋاللاھۇئالەم، بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلارمىز. خايناخا مەندىن يامانلاپ قالغاندۇ. كىم بىلىدۇ، ئەتە نېمە بولىدۇ. كىم كېتىپ كىم قالىدۇ. ئالاھەزەل 40 ياشلاردا بار بىر كىشى كەپتۇ. ئەلھال، ھەممە تەييار بولغاندۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان پۈتۈن مەۋجۇدات، يەر شارى ئۈستىدىكى ھەممە يەر.
دۇنيا قاراش؛ ھايۋانات دۇنياسى؛ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى؛ دۇنيا تىلى؛ تەركىي دۇنيا؛ بىۋاپا دۇنيا. ئالەم كېمىسى؛ ئالەمنى مالەم قىلماق؛ ئالەم كەزمەك. بۇ ئالەم _ ئۇزۇن ئالەم. مەندە بار، سەندە بار، ئالەمدە يوق، ئۇ نېمە؟ (_ چېكىت). ئالما ساتقىلى چىقسام، قىزىلىنى تاللايدۇ، ئالەمدە كىشى يوقتەك، كۆڭلۈم سىزنى خالايدۇ. جاھان تۇتماق؛ جاھاندا بىر؛ جاھاندارچىلىق قىلماق؛ جاھان سورىماق؛ جاھانكەزدى؛ جاھانغا پاتماسلىق؛ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالماق؛ جاھان تەكشى ئەمەس؛ جاھاننىڭ كارى چاغلىق. يەر يۈزىدىن ئەقىل يوقىلىپ كەتسىمۇ ھېچكىم ئۆزىنى نادان دېمەيدۇ، نادان. يەريۈزىدىكى دەرەخ زاتىنى شامال ئىرغىتار. ھەممىدىن كۆڭۈل ئىتتىك بىردەمنىڭ ئىچىدە 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقالايدۇ. يەتتە ئىقلىمنى كېزىپ چىقتىم، كۆڭلۈمگە يارىغۇدەك مەھبۇب تاپالمىدىم، دېدى يىگىت. بۇنداق چىرايلىق قىز يەتتە ئىقلىمدا يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈن بارلىق، يەرۇ ئاسمان ھەممە.
كائىناتنىڭ چىرىغى بىلىم. ھەممە مەۋجۇدات ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئالەم بىنا بولغىنغا نەچچە يۈز مىليون يىل ئۆتكەنلىكىنى ئالىملار مۆلچەرلىمەكتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم دائىرىدىكى ھەممەيلەن.
«كۆپ»، «خەلقى ئالەم» شەرتلىك ھالدا «كۆپچىلىك» كە مەنىداش؛ قاراتما سۆز بولالمايدۇ، خىتاب قىلىنمايدۇ؛ بۇ قاتاردىكىلەر ھەممىسى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالمايدۇ.
كۆپچىلىك ئاتقان تاش يىراققا چۈشىدۇ. كۆپ تۈكۈرسە كۆل بولار. كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. خالايىق كۆرسۇن ۋە بىر نېمە دېسۇن. جامائەتكە ھۆرمەت قىل. جامائەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەن كىشى ئەك بەخىلىكتۇر. ئەكبەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پۈتۈن مەۋجۇدات، بارلىق كائىنات، دۇنيا، پۈتۈن جاھان.
كوڭكا! توۋا! ئالەم پەيدا بولغاندىن بۇيان بۇ يەرگە كوڭكىنىڭ بىرىنچى قېتىم كېلىشىغۇ بۇ!
بۇ دۇنيا.
ئالەمدىن ئۆتمەك. ئالەمدىن كەتمەك.
ۋەزىيەت، ھالەت.
ئەجەبمۇ زامان بولدى، ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ، يۈرەكتىكى زەرداب سۇ قانغا ئۆرگىلەي دەيدۇ (قوشاق).
كۆچمە. ۋاقىت، زامان.
- ئەخمەت بۇ يەردىن كەتكىلى نە ئالەم بولدى؟