Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەش ياساۋۇل باش مەھكىمىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەن لى خاندانلىقىنىڭ لەشكىرىي ئىشلار ئورگىنى. لى خاندانلىقىنىڭ لەشكەر تۈزۈلمىسىدە مەركەزدە يېشىڭ ياساۋۇلى، لۇڭشىياڭ ياساۋۇلى، خۇبېن ياساۋۇلى، جۇڭزۇ ياساۋۇلى، جۇڭۋۇ ياساۋۇلى قاتارلىق بەش ياساۋۇل تەسىس قىلىنغان. ۋىلايەتلەردىن لەشكەرلىككە ئادەم ئېلىپ، ئايرىم ئايرىم بەش ياساۋۇلغا كىرگۈزۈلۈپ، نۆۋەت بىلەن پايتەختكە كىرىپ مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ مەھكىمە 1467-يىلى (شىزۇڭ 13-يىلى )قۇرۇلۇپ، لەشكەر مەھكىمىسىنىڭ قوماندانلىقىدا، لەشكىرىي ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرغان. لى خاندانلىقىنىڭ ئىككى نۆۋىتىدە ھەربىي ھوقوقنى مۈلكىي ئەمەلدارلار تۇتقان، مەزكۇر مەھكىمىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە كۆپىنچە مۈلكىي ئەمەلدارلار تەيىنلىنىپ، ھەربىي ئەمەلدارلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ لى خاندانلىقى تۈزۈلمىسىنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى.