Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇن بىڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
قەدىمكى دەۋردە پاراسەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر ھېكايە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ ھېكايىدە شۇنداق دېيىلگەن: يېغىلىق دەۋرىدىكى چى بەگلىكىنىڭ بۈيۈك سانغۇنى تيەن جى چى بەگلىكىنىڭ بېگى ۋېيۋاڭ ۋە بىرقانچە شاھزادە بىلەن بەيگە ئۆتكۈزىدۇ. تيەن جىنىڭ بىر مۇلازىمى ئۇلارنىڭ بەيگە ئاتلىرىنىڭ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدىغانلىقىنى، كۈچىنىڭ تەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، تيەن جىگە: «ئالىيلىرى پۇلنى كۆپ تىكىۋەرسىلە، مەن سىلىنى ئۇتۇپ چىققۇزالايمەن» دەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ3 - خىلدىكى ئېتى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ1 - خىلدىكى ئېتىنى؛ ئۆزىنىڭ2 - خىلدىكى ئېتى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ3 - خىلدىكى ئېتىنى ... چاپتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، تيەن جى ئىككى قېتىم ئۇتۇپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ، مىڭ تىللا ئۇتۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشى تيەن جىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. تيەن جى ئۇنى چى بېگى ۋېيۋاڭغا تونۇشتۇرىدۇ. ۋېيۋاڭ ئۇنى ھەربىي مۇشاۋىرلىققا تەيىنلەيدۇ. بۇ مۇلازىم دەل سۇن بىڭ ئىدى.
سۇن بىڭ − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ھەربىي ئالىم، چى بەگلىكىنىڭ ئې دېگەن يېرىدىن (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسى ياڭگۇ رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدا). ئۇ ياش چاغلىرىدا پاڭ جۈەن بىلەن بىللە ھەربىي تەدبىرلەرنى ئۆگەنگەن، كېيىن پاڭ جۈەن ۋېي بەگلىكىگە سانغۇن بولغاندا، سۇن بىڭنىڭ قابىلىيىتىگە ئىچى تارلىق قىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ۋېي بەگلىكىگە ئالداپ ئەكېلىپ، لېپىكىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى سۇن بىڭ (سۇن توكۇر) دەپ ئاتاشقان.
سۇن بىڭ گەرچە لېپىكىدىن ئايرىلىپ ماڭالماس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پەنت ئىشلىتىپ پاڭ جۈەن قوماندانلىقىدىكى ۋېي قوشۇنلىرىنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلغان: بىر قېتىمدا ۋېي بەگلىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى خەندەنگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا، جاۋ بەگلىكى چى بەگلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. سۇن بىڭ: ۋېي بەگلىكى جاۋ بەگلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بەگلىكنىڭ ئىچى بوش قالدى، چى بەگلىكى قوشۇنلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋېي بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى دالياڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى كەيفېڭ) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلسا، ۋېي بەگلىكى چوقۇم قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەندەن قورشاۋدىن قۇتۇلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. تيەن جى بۇ ئىستراتېگىيىنى قوللىنىپ، گۈيلىڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭئەن رايونىنىڭ غەربىي شىمالىدا)دا پىستىرما قويۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ۋېي قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. بۇ، تارىختا «ۋېي قوشۇنلىرىنى قورشاپ جاۋ قوشۇنلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان داڭلىق ئۇرۇشتۇر. يەنە بىر قېتىم، ۋېي بەگلىكى خەن بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغاندا، خەن بەگلىكى چى بەگلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. سۇن بىڭ يەنىلا ئۆتكەن قېتىمقى ئىستراتېگىيىنى قوللىنىپ، بىۋاسىتە ۋېي بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغان. ۋېي بەگلىكى قوشۇنىنى قايتۇرۇپ ئۇرۇشقا ئاتلانغان. سۇن بىڭ ۋېي قوشۇنىنىڭ چى بەگلىكىنى سەل چاغلاشتەك روھىي ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، يالغاندىن قورقۇپ، ئارقىغا چېكىنگەن بولۇۋالغان ھەمدە مالىڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى فەنشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى)دا پىستىرما قويۇپ، بىر قېتىمدىلا ۋېي قوشۇنىنىڭ100 مىڭ ئادىمىنى يوقاتقان، ئىلاجسىز قالغان پاڭ جۈەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. مانا بۇ مەشھۇر «مالىڭ ئۇرۇشى»دۇر.
سۇن بىڭنىڭ ھەربىي ئىشلار ئەسىرى − «سۇن بىڭنىڭ ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى» ئەسلىدە يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ،1972 - يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى لىڭيىن رايونى يىنچۆشەن تېغىدىكى خەن دەۋرىگە ئائىت قەبرىدىن بۇ كىتابنىڭ پارچىسى تېپىلغان. گەرچە تېپىلغان قىسمى ئاران10 مىڭ خەت بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن سۇن بىڭنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۇن بىڭ جەڭ قىلىشتا «تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەتلىنىش»نى تەكىتلىگەن، بۇ، ئۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم پۇختا تەييارلىق قىلىش كېرەك، دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ يەنە ماددىي تەييارلىقنى پۇختا قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇرۇشتا خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «ئاز قوشۇن بىلەن كۆپ قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىش» قاراشلىرى ۋە نۇرغۇن ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۇن بىڭ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق، سۇن ۋۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى ھەربىي نەزەرىيە خەزىنىسىنى بېيىتقان.