Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
بىئو ئېلېكتر
بىئولوگىيە
生物电
shēngwùdiàn
<بىئولوگىيىلىك توك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جانلىقلار تېنىدە ئىپادىلىنىدىغان ئېلېكتر ھادىسىسى. بىئوئېلېكتر ھادىسىسى جانلىقلر تېنىدىكى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ھايات توقۇلمىلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ قوزغىلىشىنىڭ (غىدىقلىنىشنىڭ) مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. بىئو ئېلېكتر ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پوتېنسىئال پەرقىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ھايۋان ھۈجەيرىلىرى ۋە ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇرغۇن ھالەتتىكى ۋاقتىدا نەچچە ئون مىللى ۋولت توك بېسىمى ھاسىل قىلالايدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، ئېلېكترلىك پىلانبېلىق 800 ۋولت ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ؛ ئېلېكترلىك مالاپترورۇس بېلىقى 300 ۋولت ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل قىلالايدۇ. ئېلېكترلىك بېلىقلارنىڭ ئېلېكتر چىقىرىش ئورگىنى نۇرغۇنلىغان ئېلېكتر ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتر بېسىمى مۇشۇ ئېلېكتر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېلېكتر بېسىملىرىنىڭ ئۇلانغان يىغىندىسىدىن ئىبارەت. ئېلېكترلىك بېلىقلارنىڭ چىقارغان ئېلېكتر بېسىمى قوغدىنىش ۋە ئوزۇق تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە <ئېلېكترلىك ئورۇن بەلگىلەش> ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى پەرق ئېتىدۇ. ئادەم تېنىدىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنى ئېلېكترلىك ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ھەرقايسى توقۇلمىلارنىڭ فۇنكسىيىلىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. مېدىتسىنادا توقۇلمىلارنىڭ ئالاھىدە ئېلېكترلىك ئۆزگىرىش كۆرسەتكۈچلىرىگە ئاساسلىنىپ بەزى كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ ئېلېكتر ئۆزگىرىش ئەگرى سىزىقىغا ئاساسەن يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ فۇنكسىيىلىك ھالىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.