Lughet
لۇغەتئۇيغۇرچەسولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى
Uyghurئاساسىي لۇغەت

سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى

دۇنيا تارىخى 1918 - يىلنىڭ باشلىرىدا <برېست شەرتنامىسى>نى ئىمزالاش مەسىلىسىدە روسىيە كوممۇنىستلار (بولشۋېكلار) پارتىيىسى ئىچىدە شەكىللەنگەن <سول> چىل ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى. بۇخارىن، بۇىنوۋ، لاموۋ. ئوشىنىسكى قاتارلىق كىشىلەرنى يادرو قىلغان بولۇپ، بىر مەزگىل موسكۋا،پېتېربۇرگ ۋە ئورالدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى <سولچى كوممۇنىزمچىلار> دەپ ئاتاشقان. <ئىنقىلابىي ئۇرۇش> ئارقىلىق <دۇنيا بۇرژۇئازىيىسى>گە قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى ئەللەر ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نەزەرىيە پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت دۆلىتىنى گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تروتىسكىنىڭ سۆھبەتلىشىش مەيدانىنى قوللاپ، لېنىن ئوتتۇرغا قويغانگېرمانيە بىلەن <برېست سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. سۈلھ شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، شەرتنامىنى بۇزۇشقا ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلغان. شۇيىلى 4 - ئايدا <نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت پروگراممىسى>نى ئېلان قىلىپ، ئىچكى سىياسەتتە، ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىنكار قىلغان. تەنقىدلەنگەندىن كېيىن، شۇيىلى ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خاتالىقىنى تونوپ، گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان.
Rate this entry

باشقا مەنبەلەردىكى ئوخشاش سۆز

سولچى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھىUyghurChineseئاساسىي لۇغەت

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

كوممۇنىزمچىUyghurكوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىUyghurكوممۇنىزمUyghur
← ئىزدەش